«ئوڭ» ۋە «سول»
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
ئۇيغۇر خەلقى «ئوڭ» بىلەن «سول»غا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ مۇئامىلە كۈچ ۋە ئەپچىللىك جەھەتتىن پەرقى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، مۇھىمى، بۇنىڭغا بەزىبىر دىنىي ئەقىدە سىڭگەنلىكى ئۈچۈندۇر. بۇنى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى مۇنۇ قۇرلاردىن بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ:
917 . ئېرۇر ياخشىلىق ئوڭ، يامانلىق ئۇ، سول،
جەھەننەم سولۇڭدا، بېھىش ئوڭدا ئول.
بۇ مىسال ئۇيغۇرلاردا «ئوڭ» بىلەن «سول» غا بولغان ئەقىدىسىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا «ئوڭ» بىلەن «سول» غا بولغان مۇئامىلە نۇرغۇن جەھەتتە كۆرۈلىدۇ.
1) ئۇيغۇرلار ئوڭ قاپاق تارتسا ياخشىلىقتىن بېشارەت، سول قاپاق تارتسا پېشكەللىكتىن بېشارەت، دەپ قارايدۇ. شۇڭا تارتىۋاتقان سول قاپاقنى داۋاملىق تارتقۇزماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سامان پارچىسى چاپلاپ قويىدۇ ياكى تۈكۈرۈك بىلەن قولىنى ھۆلدەپ، تارتىۋاتقان سول قاپاقنى سىيلاپ قويىدۇ.
2) ياشانغان ئادەملەر مەسچىت قاتارلىق مۇقەددەس يەرلەرگە ياكى بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە «بىسمىللا» نى تىلغا ئېلىپ، بوسۇغىدىن ئوڭ پۇتىنى ئېلىپ كىرىدۇ. بۇ ھەقتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق يازىدۇ:
4057. ئىشىكتىن كىروردە ئوڭ پۇت بىلەن،
ئەمىر قىلسا ئاڭلا، پاراسەت بىلەن.
3) ئۇيغۇرلاردا مېھمانغا ياكى ھۈرمەتلىك ئادەملەرگە چاي، تاماق ياكى باشقا نەرسە سۇنۇش توغرا كەلگەندە ئوڭ قولىنى ئىشلىتىدۇ. سول قولىنى ئىشلىتىش تولىمۇ ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. بۇ ھەقتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنۇلارنى يازىدۇ:
4797. سۇنۇلغاي بىسمىللا بىلەن ئوڭ قولۇڭ
بولۇپ بەرىكەت يېمەكتە، بېيىيسەن ئۆزۈڭ.
4) ئۇيغۇر خەلقى بىراۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئوڭ قولىنى كۆكىسىگە ئېلىپ«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بېرىدۇ ياكى ئوڭ قولى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ.
5) ئۇيغۇرلار كېچىسى ياتقاندا سول ياننى بېسىپ ياتسا «يامان بولىدۇ»، دەپ ئوڭ ياننى بېسىپ ياتىدۇ. سول ياننى بېسىپ كېچىسى قارا بېسىپ قېلىپ مىجەزى چۇسلىشىپ قالسا، باشقىلار ئۇنى «بۈگۈن ئوڭ يېنىدىن قوپماي سول يېنىدىن قوپقان ئوخشايدۇ» دەيدۇ.
6) ئۇيغۇرلار بىرەر ئامەتكە ياكى ئوڭۇشلۇققا يولۇقسا «ئىشىم ئوڭدىن كەلدى» ياكى «ئىشىم ئوڭغا تارتتى» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللىنىلىدۇ. «مېنىڭ ئونغا يەتكۈچە، يولۇڭ ئوڭ بولسۇن» دېگەن تەمسىلمۇ مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان. (ر)