تۇپراققا بولغان ئېتىقاد
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
ئۇيغۇر خەلقى توپىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ ئېتىقاد «ئادەمئاتا توپىدىن يارالغان» دېگەن چۈشەنچىدىن كېلىپ چىققان.
ئۇيغۇرلاردا توپىغا بولغان ئېتىقادنىڭ ئىپادىلىرى خىلمۇ خىل.
1 ) جەسەت يەرلىككە قويۇلۇپ گۆرنىڭ ئاغزى ئېتىلگەندىن كېيىن، يەتتە كەتمەن توپا تاشلىنىدۇ. ئاندىن قۇئان - تىلاۋىتى باشلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، يەتتە كەتمەن توپا تاشلىغاندىن كېيىن، ئۆلۈك تىرىلىپ ئورنىدىن تۇرارئىمىش. جەسەت يەرلىككە قويۇلۇۋاتقاندا قەبرە بېشىدا ھازىر بولغۇچىلار قولىغا بىر سىقىم توپا ئېلىپ، دۈرۈت ئوقۇپ ئۇنىڭغا ھۆرۈيدۇ. يۇ توپىلار توپلىنىپ، مۇردا ئۈستىگە سېپىلىدۇ. بۇ «ئىخلاس توپىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ توپامۇنكىر - نەكىرلەرنىڭ ئۆلگۈچىگە قىلىدىغان ئازابلىرىدىن ساقلاپ قالارئىمىش.
2 ) ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇش ئۈچۈن سۇ بىلەن تەرەت ئېلىشى شەرەت. تەرەت ئېلىشقا سۇ تاپالمىغاندا (ناماز بىلەن تەرەت ئېلىش)، سەۋەبى، ئۇلار توپىنى سۇغا ئوخشاش پاك، دەپ قارايدۇ.
3 ) ھۈنەرۋەن - كاسىپلار ۋە سودىگەرلەر دەسلەپ قىلغان سودىسىنىڭ پۇلىنى توپىغا مىلەپ قويۇپ يانچۇقىغا ياكى غەللىگە سالىدۇ. بۇ «سودامغا بەرىكەت بەرسۇن» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئات، كالا قاتارلىق چوڭ مال سودىسى قىلغانلار باھاردا پۈتۈشكەندىن كېيىن، ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچى قولىنى توپىغا سۈركەپ «قۇتاتسۇن» دېيىشىدۇ.
بۇ خىل ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تۇپراق (توپا) نى ئۇلۇغلاش، تۇپراققا ئېتىقاد قىلىش ئەقىدىسىدىن كېلىپ چىققان. (ئا)