UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرىتۇمارغا ئەقىدە

تۇمارغا ئەقىدە

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى «سەن قاياقتىن كېلىسەن، چىرايلىقىم كۆزى خۇمار. ساڭا تىلىم تەگمىسۇن، بوينۇڭغا ئاسقىن تىلتۇمار.» دېگەن بۇ بىر كۇپلېت قۇشاق ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تۇمارغا بولغان ئېتىقادنىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى ئەقىدىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۇمار پۈتۈش ئەسلىدە شامان ئەقىدىسىدىكى ئەم _ ئېرەملىك سېھرىي ئادەتلەرنىڭ بىر خىل بولۇپ، شامانىزم دەۋرىدە ئۇ مەخسۇس «كاھىن»، «قام» دەپ ئاتىلىدىغان دىن ئادىمى _ شامان تەرىپىدىن پۈتۈلەتتى. كېيىنچە بۇ ئادەت خەلق ئارىسىدا داۋاملىشىپ قانداقتۇر كىشىگە روھىي خاتىرجەملىك بەخش ئېتىش خاسىيىتىگە ئىگە بولغان مەنىۋى ئەقىدىگە ئايلىنىپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەقىدىسىدە تۇمار «تۇمار تېگىش»، «كۆز تېگىش» تىن ساقلايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار سېرىق ئىتنىڭ تۈكى، قېرى سۆگەتنىڭ پورى،كونا چاپاننىڭ مېزى، ئادراسماننىڭ بەرگى، ئاتا _ ئانىسىنىڭ كىرپىكى، ... قاتارلىق ئېرەملىك نەرسىلەرنى كىچىككىنە رەخت پارچىسىغا ئوراپ، ئۇنى ئۈچ بۇرجەك قىلىپ تىكىپ ئۇدۇملۇق كىشىلەر «كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن، تىلى ياماننىڭ سۆزىدىن، ئىچى ياماننىڭ ئىچىدىن ساقلىغايسەن خۇدايىم!» دەپ دۇئا قىلىپ ھۈرگەندىن كېيىن بۇ «كۆز تۇمار» نى ئارزۇلۇق پەرزەنتلىرىنىڭ بوينىغا ياكى قولتۇقىغا ئېسىپ قويىدۇ. بۇنداق «كۆز تۇمار» يەنە يۇمىلاق، تۆت بۇرجەك ۋە ئالتە بۇرجەك شەكىلدىمۇ ياسىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قارا ياكى ئالا _ بۇلىماچ يۇمىلاق مارجانغا يىپ ئۆتكۈزۈپ بالىلارنىڭ بوينىغا ياكى بۆشۈككە ئېسىپ قويىدىغان ئادەتمۇ بار. بۇمۇ تۇمارنىڭ بىر خىلى بولۇپ «كۆز مونچاق» دەپ ئاتىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا يەنە بۇلۇق ئۆسكەن ھەر خىل زىرائەت ئېتىزلىرىغا، ئازادە ياسالغان گۈل _ گۈلىستانلىق ھويلا _ ئاراملىرىغا، ئۈزۈمى ئوخشىغان تال بېدىشلىرىگە، مەي باغلاپ پىشىۋاتقان ئەنجۈر ۋە باشقا مېۋىزارلىقلارغا ... «كۆز تېگىش» تىن ساقلاش ئۈچۈن ئىتنىڭ بېشى، ئېشەكنىڭ كاللىسى، قارا قاغىنىڭ ئۆلۈكى قاتارلىقلارنى ياكى كۆرامسىز «جىن قورچاق» لىرىنى ئېسىپ قويىدۇ. بۇمۇ بىر خىل تۇمار بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ گۈزەللىكنىڭ يارقىنلىقىنى خىرەلەشتۈرگۈچى «كۆز تۇمار» لىق خاسىيەت بار، دەپ قارايدۇ. تۇمار مەيلى قايسى خىل شەكىلدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خەلقنىڭ نەزىرىدىكى ئارزۇلۇق ۋە قەدىرلىك نەرسىلەرنى «يامان كۆز» ، «يامان تىل» لاردىن ساقلاپ قېلىش مەزمۇنى سىڭدۈرۈلگەن. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرى