سېھرىي ئادەتلەر
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
خەلق ئارىسىدىكى ھەر خىل سېھرىي ئادەتلەر ئىپتىدائىي دىننىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئېڭى ۋۋە ئېتىقادىدىن ئىبارەتتۇر. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى <بىلگىلى ۋە چۈشەنگىلى> بولمايدىغان بۇ بىپايان دۇنيادا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ - غارايىپ ئوبيېكتىپ ھادىسىلەر بۇ سېھرىي ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ماددىي ئاساسىدۇر. مەنىۋى ئاساس بولسا، ئىپتىدائىي ئىنسانلارغا خاس ئالاھىدە تەپەككۇر شەكلى ۋە ئىپتىدائىي تەسەۋۋۇرلار سىستېمىسىدىن ئىبارەت. مانا شۇ ماددىي ئاساس بىلەن مەنىۋى ئاساس ئۆز ئارا بىرىكىپ، ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئېڭىدا <تەبىئەتتىن تاشقىرى كۈچ> كە سېغىنىش، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەبىئەتتىن تاشقىرى تۇرىدىغان كۈچلەرگە تەسىر كۆرسىتىش روھىنى تۇرغۇزغان. بۇ خىيالىي روھ سېھىرگەرلىكنى بارلىققا كەلتۈرگەن. سېھىرگەرلىك قەدىمكى شامانىزم دەۋرىدە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ھەمدە شامان دىنىنىڭ تۈپ ئەقىدىسىگە ئايلانغان.
قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ سېھىرلەشنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ خىل بولغان. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> ناملىق ئەسىرىدە <قۇلباق سېھىرگەرلىكى> (Ⅰتوم، 620 - بەتكە قاراڭ)، <ياداتاش> (Ⅲ توم، 2 - بەتكە قاراڭ)، <ئىسرىق>، <قارانچۇق> (Ⅰ توم، 143 -، 184 - بەتلەرگە قاراڭ) قاتارلىق بىر قانچە خىل سېھرىي ئادەتلەرنى تونۇشتۇرىدۇ. <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا خاتىرىلەنگەن. بۇ سېھرىي ئادەتلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ئوخشاشمايدىغان دەرىجىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
خەلق ئارىسىدا ئىپتىدائىي سېھىرگەرلىك ئادەتلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلىرى بار:
1) تىلاۋەت سېھىرگەرلىكى: تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا مول ھوسۇل ئېلىش ۋە ئامانلىقنى تىلەش بۇ خىل سېھىرگەرلىكنىڭ نىشانلىغان مەقسىتى. <ياداتاش> سېھىرگەرلىكى تىلاۋەت سېھىرگەرلىكىنىڭ بىر كونكرېت مەزمۇنى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا <يادا تاش ئەپسۇنى> ئاساسىدا ئەل - يۇرت بويىچە <زارا خەتمە> نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان <يامغۇر تىلەش> ئادىتى بارلىققا كەلگەن. بالىلارنى جىن - ئالۋاستىلاردىن ۋە يامان كۆزدىن ساقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان <ئىسرىق سېلىش> (كۆچ - كۆچ)؛ ئوخشاشمىغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارغا كۆز تەگمىسۇن، دەپ قاداپ قويۇلىدىغان قارانچۇق (قەدىمكى ئۇيغۇرچە نامى ئاباقى بولۇپ، ئېرەملىك ھايۋانلارنىڭ كاللىسى، قۇراق رەختلەردىن ياسالغان بەھەيۋەت قورچاق قاتارلىقلارنى بادرىنىڭ ئۇچىغا بېكىتىپ قاداپ قويۇش)قاتارلىقلارمۇ تىلاۋەت سېھىرگەرلىكىنىڭ ئوخشاشمىغان شەكىللىرىدۇر.
2) جادۇگەرلىك سېھىرگەرلىكى: بەلگىلىك نەرسىلەرگە سېھىر قىلىش ئارقىلىق رەقىبلىرىدىن ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنۇش ئادىتى.
3) قوغلاش سېھىرگەرلىكى: خەلق ئارىسىدىكى ئاتالمىش داخان، باخشى، پېرىخۇن دېگەنلەر ئەنە شۇ قوغلاش سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان <كەسپىي سېھىرگەر> لەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدەنگە چاپلىشىۋالغان جىن - شەيتان (يامان روھ) لارنى <قوغلىۋېتىش> ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان <ياندۇرۇش>، <تۇزلاندۇرۇش>، <ئاۋاق ئېشى>، <چاچراتقۇ سېلىش>، <ئاشلاش>، <يۇرۇڭ تىلەش>، <ئوت كۆچۈرۈش>، <تېرىگە تارتىش>، <كەتمەنگە بېسىش>، <تۇغ باغلاش>، <قان قىلىش> قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللىرى بار.
4) ئەپسۇن ئوقۇش ۋە تىلتۇمار سېھىرگەرلىكى: بۇ ئادەتتە تىل سېھىرگەرلىكى دېيىلىدۇ ئۇنىڭ <قاغاش>، <تىلتۇمار پۈكۈش>، <قەسەم> قاتارلىق شەكىللىرى بار.
5) بېشارەت سېھىرگەرلىكى: تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەۋجۇداتلاردا يۈز بېرىدىغان خىلمۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ياخشىلىق ياكى يامانلىقتىن ئالدىنئالا بېشارەت بېرەلەيدۇ، دېگەن ئىپتىدائىي قاراش ئاساسىدا شەكىللەنگەن پەرھىزلەر )تابۇ( بېشارەت سېھىرگەرلىكنىڭ كونكرېت مەزمۇنىدۇر.
6) پالچىلىق (رەمباللىق) سېھىرگەرلىكى: پالچىلىق - قەدىمكى دەۋرلەردە ناھايىتى كەڭ ئەۋج ئالغان بىر خىل خۇراپىي ئادەت بولۇپ، ھەتتا خان ئوردىلىرىدىمۇ مەخسۇس پالچىلىق مەھكىمىلىرى تەسىس قىلىنغان. پالچىلىق - پال ئېچىش ۋە چۈشكە تەبىر بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلگە بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمدىن باشلاپ پالچىلىقنىڭ ئۆزىگە خاس رىسالىسى (پالنامە) بولغان. Ⅸ ئەسىرگە تەئەللۇق قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى <ئىرق بىتىك> ئەڭ بۇرۇنقى پال كىتابى بولۇپ، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ئەزلۈك ۋە يامانلىق ئالامەتلىرىنىڭ بىر مۇنچە تەرىپى مۇشۇ كۈنگىچە خەلق ئارىسىدا شۇ پېتى ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ئومۇمەن، پالچىلىقنىڭ دىنىي خۇراپاتلىق خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ مەنىۋى جەھەتتىن بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۆزىگە تەسىر قىلىۋالغان، خەلق ئارىسىدىكى <پالغا ئىشەنمە، پالسىز يۈرمە> دېگەن ماقال ھەم ئۇنىڭ ئىلىم - پەنگە زىت ماھىيىتىنى، ھەم ئۇنىڭ ئۆرپ - ئادەت كۈچىنى يەكۈنلەپ بەرگەن. (ئا)