تۇزنى ئۇلۇغلاش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
ئوتنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن ئىنسانىيەت پىششىق يېمەكلىكلەر دەۋرىگە قەدەم قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە ئىنسانلار تۇزدىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي كىسلاتالىق ماددىنىڭ خاسىيىتىنى بايقىدى. تۇزنىڭ بايقىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشى ھەققىدە ھەر قايسى خەلقلەر ئارىسىدا خىلمۇ خىل رىۋايەتلەرنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلار مۇقەددەسلەشتۈرىدىغان قىزىقارلىق ئەپسانە _ رىۋايەتلەر بارلىققا كەلگەن. بۇنداق ئەپسانە _ رىۋايەتلەردە تۇزنىڭ بايقىلىشىنى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى ئوغلى ياپەسكە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. قىسقىسى، تېخى تەبىئەتنىڭ سىرىنى ئىلمىي ھالدا بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشمىگەن قەدىمكى ئىنسانلار تەبىئەتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىرلىقلاشتۇرۇپ ئىلاھىي تۈس بەرگىنىگە ئوخشاش، تۇزغىمۇ بىر خىل ئىلاھىي تۈس بېرىپ ئۇلۇغلىغان ۋە قەدىرلىگەن.
خەلقىمقىز ئارىسىدىكى تۇزغا بولغان ئەقىدىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇنىڭ ئىنسانلار ئۇنىڭ ئىنسانلار تۇرمۇشىدا ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۇيغۇرلار تۇزنى تاماققا تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىپ قالماستىن، يەنە تۇرمۇشنىڭ باشقا تەرەپلىرىدىمۇ ئۇنىڭدىن كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار باقما ھايۋانلارنىڭ يەم _ خەشەكلىرىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ بېرىشكە ئادەتلەنگەن. شىنجاڭ چارۋىلىرىنىڭ گۆشىنىڭ تەملىك بولۇشى ئەنە شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار تۇز ئارقىلىق ئادەملەر ۋە ھايۋانلاردا بولىدىغان بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ بىر يۈرۈش يەرلىك ئۇسۇللىرىنىمۇ ئىجاد قىلغان. ئادەتتە ماغدۇرسىز، كۆپ ئىستېمال قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. بەل ئاغرىقى ، سانجىق، قورساق ئاغرىقى قاتارلىق سوغۇق يەلدىمىشا بولغان ئاغرىقلارغا شور پارچىلىرىنى ئوتتا قىزىتىپ لاتىغا ئوراپ ئاغرىغان يەرگە تېڭىپ كېسەلنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان داۋالاش ئادەتلىرى كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى تېرە كېسەللىكلىرىنى تۇز بىلەن داۋالاشتىن تاشقىرى، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش، ھايۋانلاردىكى ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ تۇزدىن پايدىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار تۇزنىڭ ھەر خىل چىرىتكۈچى مىكروبلارنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن گۆش قۇرۇتۇش (سۈرلەش)، مېۋە قاقلىرىنى تەييارلاش، پەمىدۇر، لازا ۋە باشقا كۆكتاتلارنى قۇرۇتۇپ ساقلاش قاتارلىقلاردىمۇ تۇزغا تاينىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىشىلەرنى قاقشاتقان، بوزەك قىلغان نائەھلىلەرنى، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان يۈزسىزلارنى « تۇزكور قىلسۇن» دەپ قارغايدىغان ئادەت بار. قارغاش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدىغان بۇ تۇراقلىق ئىبارىگە تۇزنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت ئەقىدە سىڭگەن. بۇ ئەقىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ تويى ۋە رەسىمىيەتلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. توي قىلغان قىز _ يىگىتلەرنىڭ نىكاھى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يىگىت بىلەن قىزغا شاكراب (تۇز سۈيى) قا چىلانغان نان بۇردىسى يېگۈزۈلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، تۇز ئىككى ياشنىڭ مۇھەببىتىنى چىڭىتارئىمىش، ئائىلە تۇرمۇشى تۈزى تەڭشەلگەن تاماقتەك لەززەتلىك بولارئىمىش.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۇيغۇرلاردا تويدىن بۇرۇنقى «چوڭ چاي» دا قىز تەرەپكە ئېلىپ بېرىلىدىغان تويلۇق سوۋغا _ سالاملىرى ئىچىدە تۇز بولۇشى شەرت قىلىنغان، توي داستىخانغا تىزىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن باشقا سوۋغا _ سالاملارنى تونۇشتۇرىدۇ. ئاتا _ ئانىلار توي قىلغان بالىلىرىنىڭ ئۆيىنى تۇنجى قېتىم مۇبارەكلەپ بارغاندىمۇ تۇز ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىگە تۇزنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت ئەقىدە سىڭگەن. (ئ)