جۈمە
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
مۇسۇلمانلاردا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىمۇ جۈمە كۈنى ئارام ئېلىش ئادەت بولۇپ قالغاچقا، شۇ كۈنى ھۈنەرۋەن _ كاسىپ، تىجارەتچى ۋە باشقىلار ئۆز ئىشىنى توختىتىدۇ. ھەر قايسى مەھەللىنىڭ كىچىك مەسچىتىنىڭ جامائىتى چوڭ جامەگە يىغىلىپ جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ. بىر ھەپتە ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ بىر _ بىرى بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن ئادەملەر مۇشۇ مۇناسىۋەت ئارقىلىق بىر _ بىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن جۈمە كۈنى يول (سەپەر) غا چىقمايدۇ. مۇسۇلمانلار جۈمەنى ئۇلۇغ بىلگىنى ئۈچۈن، بىراۋ شۇ كۈنى ۋاپات قىلسا ياكى يەرلىككە قويۇلسا، ناھايىتى خۇش بولۇشىدۇ. جۈمە نامىزىغا كېلىدىغان جامائەت كۆپ بولغىنى ئۈچۈن، ۋاپات بولغۇچىنىڭ جىنازىسى جامەدە بولۇشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ياشقا كېلىنلەر جۈمە كۈنى ئاتا _ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە، يا ئۇلاغلىق، يا ھارۋا بىلەن جۈمەلەپ بېرىپ ئاتا _ ئانىسىنى كۆرۈپ كېلىدۇ. (ر)