UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرىئۇيغۇرلاردا «قۇش باخشى»

ئۇيغۇرلاردا «قۇش باخشى»

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قۇشچىلىق قەدىمكى دەۋرىدىن باشلاپ مەخسۇس بىر خىل كەسىپ بولۇپ، ئوۋچىلىق ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ياۋايى قۇشلارنى قولغا كۆندۈرۈشتىن تاشقىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنڭ تاغلىق يېزىلىرى (قارغىلىق تاغلىق ناھىيىسىنىڭ چۇپان، ئۇششاقباش، كۆكيار قاتارلىق تاغلىق يېزىلىرى ۋە يەكەن ناھىيىسىنىڭ قوشراپ قاتارلىق جايلىرى) دا قۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاشتىن ئىبارەت ئۆزگىچە، قىزىقارلىق ئادەت تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ «كەسىپ» بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى ئادەتتە «قۇش باخشى» دېيىلىدۇ. مەلۇمكى، «باخشى» قەدىمكى ئالتايلىقلار ئېتىقادىغا مەنسۇپ ئۇقۇم بولۇپ، «شامال دىنىنىڭ ئۇستازى»، «دىن ئادىمى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ ئۇزۇن مەزگىل ئېتىقاد قىلغان دىنى - شامان دىنى بولۇپ، ئەنە شۇ شامانىزىم دەۋرىدە باخشىلىق ۋە پېرىخۇنلۇق ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. باخشىلار «ھەممىگە قادىر ۋە قابىل»دىن مۇئەككىلى سۈپىتىدە، شامان دۇمبىقىغا تەڭكەش قىلغان ھالدا شامانىزمنىڭ دۇرۇتلىرىنى مۇناجات قىلىپ شامان مۇراسىملىرىنى تەشكىللىگەن ۋە باشقۇرغان، مۇشۇ يول بىلەن «يامان روھ» لارنى قوغلاپ، بىمارلارنى داۋالىغان. شۇ سەۋەبتىن باخشىلار ئەينى زامانلاردا ئالاھىدە ھۆرمەتلىنىپ، ئىلاھىي تۈس ئالغان. دېمەك،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كەلگەن «قۇش باخشى» ئەنە شۇ شامانىزم دەۋرى بىلەن چېتىلىدىغان قەدىمكى ئادەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن «قۇش باخشى» دەيدىغان بۇنداق نامنى ۋە قۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىنى بىز ھازىرغىچە شامانىزمغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللاردا ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئۇچراتمىدۇق. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرىقى تاغلىق رايونلىرىدا قۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنىڭ ئاساسىي ئوبيېكتى - تۇغۇتلۇق ئاياللاردىن ئىبارەت. كۆپنچە تۇنجى تۇغۇتتا ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ئال كېسەللىكى ئېغىر قانىسىراش ۋە ھالسىراشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەل دىن ئىبارەت، ئادەتتە، «ئال كېسەللىكى» نىڭ ئىپادىسى ھەر خىل بولۇپ، نېرۋىنىڭ نورماللىقى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن چىشلىرى كىشىپ، قالايمىقان جۆيلۈيدىغان، كۆزنىڭ ئېقى چوڭىيىپ كۆزىگە غايىبانە، جىن - ئالۋاستىلار كۆرۈنىدىغان، پۈتۈن بەدىنى توختىماي تىترەيدىغان، ھوشىنى بىلمەي ۋەھمىلىك ۋارقىراپ - جارقىرايدىغان غەيرىي ئادىمىلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن تۇغۇتلۇق ئاياللارنى يەرلىك خەلقلەر «ئالداپ قاپتۇ» دېيىشىدۇ. «ئال كېسەللىكى» نىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق بولۇپ، مۇھىمى تۇنجى تۇغۇتنىڭ ئالدى - كەينىدە بەدەندىن كۆپ قان كېتىش، ھامىلىدار مەزگىلىدە ياخشى كۈتۈلمىگەنلىكى، تۇغۇت ۋە داۋالاش شارائىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى شۇنداقلا ئەنئەنىۋى پسىخىك ئېتىقاد قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنداق كېسەلگە يولۇققانلارنىڭ بەزىلىرى ئۆلۈپمۇ كېتىدۇ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا، بۇنداق كېسەللەرگە «قۇش باخشى» دىن باشقا ھەرقانداق دوختۇرنىڭ دورىلىرىمۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ، دەپ قارىشىدۇ (ھازىرقى زامان مېدىتسىناسى بۇنداق كېسەللەرنى تولۇق داۋالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە). ئادەتتە خەلق تىلىدا «قۇش» دەپ ئاتالغىنى ھەممىدىن يىرتقۇچ بۈركۈت بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى سەككىزدىن ئون ئىككى جىڭغىچە كېلىدۇ. «ئال كېسەللىكى» نى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان بۇنداق قۇش تاپ يېمىگەن ياكى ئۆلۈپ قالغان ھارام ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمىگەن بولۇشى شەرت. داۋالاش ئۇسۇلى: «قۇش باخشى» (قۇشچى) قۇشنىڭ بېشىغا تۇماق كىيىدۈرۈپ ئاغرىق ئايال ياتقان ئۆيگە كىرىدۇ. ئاغرىق ئايالنى دۈم ياتقۇزۇپ، باش - كۆزىدىن تارتىپ پۈتۈن بەدىنىنى يوتقان ياكى كىگىز بىلەن مەھكەم ئوراپ قويىدۇ. ئاندىن ئۆيدىكى باشقا كىشىلەر ئاغرىق ئايالنىڭ يېنىدىن يىراقلاپ تۇرىدۇ. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن قۇشچى قۇشنىڭ بېشىدىكى تۇماقنى ۋە تىرنىقىدىكى چېتىلنى ئېلىۋېتىپ، چەبدەسلىك بىلەن «ئال» دەپ ئېرەم قىلىپ قۇشنى قويۇۋېتىدۇ. قۇش بىلگەندەك ئۆزلۈكىدىن شۇڭغۇپ بېرىپ كېسەل ئايالنىڭ گەجگىسىگە قونىدۇ ۋە مەھكەم ئوراپ قويۇلغان كېسەل ئايالنى باشتىن - ئاياغ ئۆتكۈر چاڭگىرى بىلەن مۇجۇپ، مەھكەم قىسىدۇ،كېسەلنى قانىتى بىلەن مۇجۇپ، مەھكەم قىسىدۇ، كېسەلنى قانىتى بىلەن ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىدۇ. قۇش گاھىدا قانات كېرىپ تام ۋە تورۇسقا ئۆزىنى ئۇرۇپ ، يەنە كېسەلگە ئېتىلىپ كېلىپ مۇجۇشنى باشلايدۇ. قۇش يېرىم سائەت گاھىدا بىرەر سائەت مۇشۇ ئۇسۇلدا كېسەلنىڭ غولىنى قاتتىق مۇجۇغاندىن كېيىن، كېسەلدىن يىراقلاپ ھالسىز ھالەتتە، ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا بېرىپ شۈك تۇرىدۇ.قۇشچى شۇ ھامان قۇشنىڭ تۇمىقىنى كىيىگۈزۈپ، پۇتىىغا چېتىل سېلىپ ئاچىقىپ كېتىدۇ. يوتقانغا چىڭ تەر بولۇپ كېتىدۇ. شۇ ھالەتتە بىر كېچە - كۈندۈز مىدىرلىماي ئۇخلايدۇ - دە، ئەتىسىدىن باشلاپ، ئاغرىق ئايال يېنىكلەپ ئال كېسىلىنىڭ خەۋىپىدىن قۇتۇلىدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، گويا قۇشتا بىر خىل تەبىئىي سېزىمباردەك،ئۆيدىكى ئاشكارا تۇرغان باشقا كىشىلەرگە تەگمەي، ئۇدۇل ئاغرىق ئايالغىلا ئېتىلىدۇ، ئىگىسى (قۇش باخشى) دىن ئوبيېكتىنى كۆرسىتىپ قويۇشىنىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايوندىكى يەرلىك خەلقلەر قۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىگە شەكىسىز ئىشىنىدۇ. تەكشۈرۈش ئەھۋالىمىزغا قارىغاندا، كۆپ ھاللاردا قۇشچى كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىنى قۇشقا ئالدىن ئۆگىتىدىكەن، بەزىدە تېخى ئۆگەتمىگەن قۇشلارنىمۇ بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىكەن. قۇش ئارقىلىق داۋالاش پەقەت ئال كېسىلى بىلەنلا چەكلىنىدىكەن. بۇ نىڭدىكى ھېكىمەت ۋە سىرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلاردا «قۇش باخشى» | UyghurWiki | UyghurWiki