UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرىدەل - دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاش

دەل - دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاش

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى دەل - دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاش ئادىتىمۇ تەبىئەتكە چوقۇنۇشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ بىر مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭىدا دەل - دەرەخلەردىمۇ باشقا مەۋجۇداتلارغا ئوخشاش روھ بولىدۇ، دەپ قارالغان. شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دەل - دەرەخلەرگە ئېتىقاد قىلىدىغان ئۆرپ - ئادەتلەر بارلىققا كەلگەن، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ دەل - دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادى كەڭ ئومۇملاشقان، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ - چىقىشىنى دەرەخ بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرگەن «ئىدىقۇت قۇجۇ خانلىقى تۆھپە مەڭگۈ تېشى» دا مۇنداق بىرئەپسانە خاتىرىلەنگەن: «... ئۇيغۇرلار يۇرتىدا خېلىن دېگەن بىر تاغ بولۇپ، ئۇ يۇرتتىكى ئىككى دەريا ئەنە شۇ تاغنى مەنبە قىلغان. ئۇنىڭ بىرى، توخۇسى دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى خەلقلەر ئۇنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ دەرەخ خۇددى ئادەم قورساق كۆتۈرگەندە قورساق سېلىپ قاپتۇ، بۇ شولا دەرەخكە ئۇدا توققۇز ئاي ئون كۈن چۈشۈكەندىن كېيىن ھېلىقى دەرەخنىڭ قورسىقى بېرىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن بەش بالا چىقىپتۇ، بۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئەردەن بۆگۈ خاقان ئىكەن. قەددى - قامەتلىك ئىكەن، ئۇ خەلقنى ئاينىتىپتۇ ۋە يۇتنى گۈللەندۈرۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاقساقال بوپتۇ.» (قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى «ئوغۇزنامە»، مەللەتلەر نەشىرىياتى، 1981 - يىل نەشىرى.«مۇقەددىمە» 12 _ بەت) بۇ خىل مەزمۇندىكى ئەپسانە _ رىۋايەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن تارىخىي مەنبەلەردە ئوچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەل _ دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاش ۋە ئىلاھىيلاشتۇرۇش قەدىمكى دەۋرلەردە خەلقىمىز ئارىسىدا خېلى كەڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەنە شۇ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ تەسىرى بىلەن بەزى دەرەخلەرنى ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ ، ئۇنىڭغا سېغىنىش ئادىتى ساقلانماقتا. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پېرىخۇنلۇق ئادىتىدە، تۇغ باغلىغاندا ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تال ئالما شېخى ئېسىپ قويۇلىدۇ. پېرىخۇننىڭ قولىدىمۇ ئالما شېخى بولىدۇ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىدا، ئالما، «يامان روھ» لاردىن خالىي بولغان خاسىيەتلىك دەرەخ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا تەگسۇن، دەپ ئالما پوستى ياكى ئالما قېقى بىلەن ئىسرىق سالىدۇ. ئۇيغۇرلار قېرى، يالغۇز دەرەخلەرنى تىلسىملىق دەرەخ دەپ قاراپ، كەسمەيدۇ. ھەتتا بۇنداق دەرەخلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەندە، ئۇلاغلىق بولسا ئۇلاغدىن چۈشۈپ دۇئا قىلىش ئارقىلىق شۇ دەرەخكە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. خەلقىمىز ئۈجمە دەرىخغىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى «ئۈجمە قۇيۇش ساۋابلىق» دېگەن ئەنئەنىۋى ئەقىدە بولغاچقا، ھەر بىر ئائىلىدە دېگۈدەك ئۈجمە دەرىخى ئۆستۈرۈش ئادەت بولۇپ كەلگەن. ئادەتتە ياشقا چوڭ كىشىلەر ئوتۇننىڭ ئۇۋىقىنى ناننىڭ ئۇۋىقى بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ، بالا تۇغۇلۇپ قىرىق كۈنگە توشقاندا مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بۆشۈككە سېلىش ئادىتىنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە پەيدا بولۇش سەۋەبى دەل _ دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت قەدىمكى ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە دەل _ دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاشقا ئائىت مىساللار كۆپ تېپىلىدۇ. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىقاد ئادەتلىرى