UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىيېزىق

يېزىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى مەلۇمكى، يېزىق تىل تەرەققياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدا مەيدانغا كەلگەن بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، تىلنى خاتىرىلەيدىغان بەلگە (تامغا). بەزى تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تىل قوللانغىنىغا 2000 يىل بولغانلىقى مەلۇم. ئەجدادلىرىمىز بۇ ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا ئالدى بىلەن بىر مۇددەت خەنزۇ يېزىقى، مانى يېزىقى، براھمى يېزىقى، سوغدى يېزىقى قاتارلىق يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز تىلىنى خاتىرىلەپ كەلگەن. Ⅳ - Ⅴ ئەسىرگە كەلگەندە شۇ يېزىقلارنى قوللىنىش جەريانىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېما خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن سوغدى ئېلىپبەسى ئاساسىدا يېزىق يارىتىپ قوللىنىشقا باشلىغان. بۇ يېزىق قەدىمكى تۇنجى يارىتىپ قوللىنىشقا باشلىغان. بۇ يېزىق قەدىمكى تۇنجى ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى قاراشتا مۇڭغۇل دالاسىدىن تېپىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىگە قاراپ ئۇيغۇرلار ئورخۇن خاندانلىقى دەۋرىدىن باشلاپ قەدىمكى تۈرك (ئورخۇن) يېزىقىنى قوللانغان دېيىلىدۇ. بۇ مۇڭغۇل دالاسىدىن باشقا رايونلاردىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلار تېپىلمىغان شارائىتتا چىقىرىلغان يەكۈن ئىدى. 1975 - يىلى تۇرپاندىن Ⅴ ئەسىردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تارشا پۈتۈك تېپىلغاندىن كېيىن ئۇ ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تىلى ئالدى بىلەن تىيانشاننىڭ ئېتەكلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن، مۇڭغۇل دالاسىدىن تېپىلغان مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىگە ئىشلىتىلگەن يېزىقنى ئاشۇ سوغدى ئېلىپبەسى ئاساسىدا يارىتىلغان تۇنجى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۆزگەرتىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن تۈرى دېيىشكە بولىدۇ. شۇ تارشا پۈتۈكتىكى بەزى خەنزۇچە سۆزلەرنىڭ شۇ يېزىقتا ترانىسكىرىپىسيە قىلىنغانلىقى دەل شۇنىڭ پاكىتى، بۇ تارىخىي دەۋرنى ئۇيغۇر يېزىق تىل تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. قەدىمكى تۇنجى ئۇيغۈر يېزىقى يەنە سۇغدى ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېما ئالاھىدىلىكىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئوڭدىن سولغا، بەزىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ يېزىلىپ كەلگەن. روشەنكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ يېزىش ئۇسۇلى خەنزۇ يېزىقىنىڭ تەسىرىدىن بولغان، بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار ئىچىدە Ⅹ ئەسىرگىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان. تۇرپان، قۇمۇل رايونلىرىدا بولسا 15 - ئەسىرگىچىلىك، گەنسۇ رايونىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار ئىچىدە 18 - ئەسىرگىچە قوللىنىلغان. بۇ تارىخىي دەۋرنى ئۇيغۇر يېزىق تىلى تەرەققىياتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىق تىل تەرەققىياتىنىڭ بىر چوڭ نامايەندىسى مەتبە تېخنىكىسىنى كەڭ قوللانغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. مەلۇمكى مەتبە تېخنىكىسى مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا ئىجاد قىلىنغان، ئەجدادلىرىمىز بۇ تېخنىكىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئېلىپبەلىك يېزىققا تەدبىقلاپ ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش بىلەن مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ غەرب ئەللىرىگە تارقىلىشىدا بىۋاستە رول ئوينىغان. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان زور بىر تۆھپىسى. Ⅹ ئەسىردىن كېيىن قاراخانىيلار دەۋرىدە، ئىسلام دىنىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تەپەيلى، سۇغدى يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئىستېمالدىن قېلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا تا ھازىرغىچە قوللىنىپ كېلىنمەكتە. بۇ دەۋرنى ئۇيغۇر يېزىق تىل تەرەققىياتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدەك دەۋر ئوقۇمى بويىچە سوغدى ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنى قەدىمكى تۇنجى ئۇيغۇر يېزىقى دەپ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن قارا خانىيلار دەۋرىدىكى يېزىقنى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى دەپ پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئەسىرىمىزنىڭ 30 - ۋە 50 - يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق ئىسلاھات ئارقىلىق ھازىرقى شەكلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇ جەرياندا لاتىن تەرىقىسىدە قوللىنىپ 1982 - يىلدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى
يېزىق | UyghurWiki | UyghurWiki