تىل
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشتىن بۇرۇنقى ئۇزۇن، مۇرەككەپ تارىخىي جەرياندا ۋە ھازىرغا قەدەر ئۆز تىلىنى ئىزچىل ھالدا ئورتاق ئالاقىلىشىش قورالى قىلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. مەلۇمكى ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسى، غەربىي ھون تىل تارمىقى ئۇيغۇر - قارلۇق تىل گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ.
ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ تىپىك نامايەندىلىرىدىن بولۇپ، Ⅳ - Ⅴ ئەسىرلەردىلا ئۇرۇق، قەبىلە تىلى ئاساسىدا بىرلىككە كېلىشكە، ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە لۇغەت فۇندى ۋە گراماتىكا قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇئەييەن تۇراقلىققا ئىگە رەسمىي يېزىق تىل بولۇپ شەكىللىنىش بىلەن خاندانلىق تەۋەسىدە قوللىنىلىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغان. خاندانلىق مەيدانغا كېلىش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ئومۇملىقىدا كېلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى شەكىللەندى، بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر تىلى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇستەھكەملىنىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى، ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى قەبىلىلەر، خاندانلىق تەۋەسىدىكى تۈركىي تىلىدا سۈزلىشىدىغان باشقا قەبىلىلەرنى <ئۇيغۇر> دېگەن نام ئاستىغا جەملىشىشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كېلىشىدە داۋاملىق رول ئويناپ كەلدى. بۇ جەريان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرگەن قەبىلە - قوۋملار تىلىدىن يېڭىدىن - يېڭى ئوزۇق قوبۇل قىلىپ، لۇغەت تەركىبىنىڭ داۋامىق بېيىش، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈش جەريانى بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئۆز دەۋرىدە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسى چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلىنىپ قالدى، خاندانلىق يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ 14 - ئەسىرگىچىلىك بولغان ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي قوۋملارنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى بولۇپ كەلدى. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا قىسمەن كەسپىي ئاتالغۇلار بىلەن ئايرىم سۆزلەردىكى فونېما پەرقلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن دىئالېكت پەرقى يوق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئۆز دەۋرىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قاتار تارىخىي ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتىن تاشقىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىدە ياشىغانلىقىغا مۇناسىپ شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشىدا ۋە شۇ ئاساستا ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىدە ئىنتايىن زور رول ئوينىدى. مۇشۇنداق بىرلىككە كەلگەن، تەرەققىي قىلغان تىل بولغاچقا، نۇرغۇن نامسىز مۇنەۋۋەر ئەدىپلەر (قەدىمكى مەڭگۈ تاش پۈتۈك ئاپتورلىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ) ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىن ئىلگىرى - كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە ئىلىم - پەن تارماقلىرى بويىچە مەخمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەسىردىن رابخوزى، خۇيلىن، سىڭقۇسەلى، بىلان ناسىلى، ليەخۇيشەن قايا، سارابان، ليۇمىڭشەن ۋە فارابى، ئەخمەت يۈكنەكى، ئابدۇرېھىم نازارى قاتارلىق مۇتەپپەككۇر، ئالىم، تىلشۇناس، ئەدىب - شائىر، تارىخشۇناس، تەرجىمەشۇناس، تىۋىپ قاتارلىق نۇرغۇن ئەربابلار يېتىلىپ چىققان. ئۇلار بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان مۈڭگۈتاش پۈتۈكلىرى، ھەرخىل تېمىدىكى شېئىر پارچىلىرى، <ئوغۇزنامە>، <ئالتۇن يارۇق>، <ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى>، <چاستانى ئىلىك بەگ> قاتارلىق ئىجادىي، ئەدەبىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر، <تۈركىي تىللار دىۋانى>، <قۇتادغۇبىلىك>، <قىسسەئى رابغۇزى>، <جامئۇل ھېكايەت> قاتارلىق پارلاق مەدەنىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. يۇقىرىقى تىلغا ئېلىنغان نەمۇنىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تىل - ئەدەبىياتىنىڭ ئاجايىپ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. قەدىمكى يازما يادىكارلىقلار تىلىنىڭ ئىخچاملىقى، بەدىئىيلىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، سۆزلەرنىڭ ئېنىق ۋە تۇراقلىقلىقى، يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلغان ئالىملارنىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا.
ئومۇمەن، ئۇزۇن تارىخىي دەۋرىنىڭ چايقاش - سىناقلىرىدىن ئۆتكەن ئۇيغۇر تىلى دەۋرىمىزگە كەلگەندە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، تاكاممۇللاشتى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىنسانىيەت ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بولغان ماركىسىزم تەلىماتلىرى، ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرى ۋە <ئۈچ دۆلەت ھەققىدە قىسسە>، <سۇ بويىدا>، <قىزىل راۋاقتىكى چۈش> قاتارلىق نادىر، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى <مىڭ بىر كېچە> گە ئوخشاش چەت ئەللەرنىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى، ھازىرقى زامان ئىلىم - پەن تېخنىكىسىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي - مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش يولىدا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلماقتا.