UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرىمەھكىمە شەرئى

مەھكىمە شەرئى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى دىن ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان مەزگىللەردە قازى قۇززات (1)، قازى (2)، ئەلەم (3)، مۇپتى (4) لاردىن تەركىب تاپقان مەھكىمە شەرئى (دىنىي سوت مەھكىمىسى) بارئىدى. بۇ مەھكىمە شەرئى ئالاھىدە ھوقۇق - ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. بۇ مەھكىمە ھەق تەلەپ، نىكاھ ۋە باشقا دەۋا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلاتتى. ھەتتا تۈرلۈك جازالار بىلەن جازا يۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. قازى قۇززات، قازى، ئەلەم، مۇپتىلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان مۆھۈرلىرى بولاتتى. ئۇلار مەھكىمە شەرئى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم، قارارلارغا ۋە ئېلىم - بېرىم ئىشلىرىغا دائىر ھۆججەتلەرگە، توختاملارغا مۆھۈر باساتتى. بۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىناتتى. پۇقرالار «مۆھۈر ھەققى» بېرەتتى. «مەھكىمە شەئى» دە ھەرخىل جازا قوراللىرى بولۇپ، «دەرەر» ئۇنىڭ بىر خىلى ئىدى. دەررە ئىككى - ئۈچ قەۋەت كۆن ئارىسىغا قۇم ئېلىنىپ تىكىلەتتى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز - قىرىق سانتىمېتر، كەڭلىكى تۆت - بەش سانتېمېتر بولاتتى. ئۇنىڭ ئون سانتىمېترچە ئۇزۇنلۇقتا ياغاچ سېپى بولاتتى. ئېغىرلىقى بولسا تەخمىنەن ئىككى - ئۈچ كىلوگرام كېلەتتى. كونا جەمئىيەتتە ئاياللار يۈزى ئوچۇق ھالدا ئەرلەرگە كۆرۈنسە ياكى ئاياللار يۈزى ئوچۇق يۈرسە، مۆھتەسىپلەر (5) ئۇلارنى كۆرگەن ھامان قوغلاپ يۈرۈپ، دەررە بىلەن ئۇراتتى. دەررىنىڭ زەربىسى شۇ قەدەر ئىدىكى، دەررە يېگەنلەر ئورنىدىن قوپالمايتتى. قىسقىسى، «مەھكىمە شەرئى» دەپ ئاتالغان بۇ دىنىي ھاكىمىيەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ناھايىتى ئۇزاق دەۋر ھۆكۈم سۈگەن بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي فېئودال ئەزگۈچى سىنىپلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان فېئوداللىق ھاكىمىيەت شەكلى ئىدى. (ر)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
مەھكىمە شەرئى | UyghurWiki | UyghurWiki