داستىخان ئۈستىدە
ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
كۆپ ھاللاردا توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ قاتارلىق مەرىكىلەردە، مېماندارچىلقتا تونۇغان - تونۇمىغانك، ياشانغان ۋە ياشلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ قېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق چاغلاردا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەب - ئەخلاققا دائىر بىر مۇنچە قائىدە - يوسۇنلار بولىدۇ:
1 . چوڭلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغاندا، تاماققا چوڭلار قول ئۇزاتمىغۇچە قول ئۇزىتىش تولىمۇ ئەدەبسىزلىك بولىدۇ. «قېنى ئېلىپ بەرسلە»دەپ چوڭلارنى تەكلىپ قىلىش گۈزەل ئەخلاقتۇر. شۇنداقلا ساھىبخان تاماققا تەكلىپ قىلمىغۇچە تاماققا قول سۇنۇپ تاماقنى يېيىشكە باشلاش - بۇمۇ ئەخلاقسىزلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2 . باشقىلار بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېگەندە، ئۆز ئالدىنى قويۇپ باشقىلارنىڭ ئالدىغا قول ئۇزىتىش - بۇمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا قاچىدىكى تاماقنى ئېلىشتۈرۈپ قوچۇش تولىمۇ ئەدەبسىزلىك بولۇپ ھېسابلىندۇ.
3 . تاماق ۋاقتىدا گەپدانلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ كەيپىنى بۇزۇش ئەيىبلىك ئىشلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
4 . تاماقنى ئاشۇرۇپ قويۇش، تاماقنى پاكىز يېمەي، قاچىدا تاماق يۇقۇندىلىرىنى قالدۇرۇش بۇمۇ ناچار قىلىقلاردىندۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئېسىل ئادەتلىرىدىن بىرى يېمەك - ئىچمەكنى زايە قىلماسلىق، ئۇنى قەدىرلەش، شۇڭا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ياكى داستىخانغا چېچىلىپ كەتكەن نان ئۇۋاقلىرىنى تېرىۋېلىپ ئاغزىغا سېلىۋاتدۇ.
5 . داستىخان ئۈستىدە چۈشكۈرۈش، يۆتىلىش توغرا كەلگەندە، قولىنىڭ ئارقىسى بىلەن ئېغىز - بۇرۇننى توسۇۋېلىش - بۇ ئەدەبنىڭ بەلگىسى. شۇنىڭدەك داستىخان ئۈستىدە ياكى بىراۋانىڭ يېنىدا مىشقىرىش، قاقىرىش ئەيىب ئىشلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، داستىخان ئۈستىدە چىش كولاش، قاتتىق كېكىرىشمۇ ئەيىب ئىشلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر چىشنى كولاشقا توغرا كەلسە، ئېغىزنى ئالقىنى بىلەن توسۇپ تۇرۇپ كولايدۇ. داستىخان ئۈستىدە ۋە باشقىلار يېنىدا ئەسنەپ كېرىلىشمۇ ئەيىب ئىشلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
6 . داستىخانغا ئوتۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەممە ئادەم قولىنى چايقايدۇ. شۇنداقلا چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىنمۇ قول يۇيىدۇ. قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، قول لۆڭگە بىلەن ئېرتىلىدۇ. قولنى سۈرتمەستىن قولىنى سىلكىش ئەيىب ئىشلار بولۇپ سانىلىدۇ.
7 . بىراۋ داستىخان ئۈستىگە كىرىپ كەلسە، ئۇنى «كەلسىلە» «داستىخانغا كەلسىلە» دەپ داستىخانغا تەكلىپ قىلىشمۇ ئەڭ ياخشى ئەخلاقىمىز .
8 . ياشانغان ئەدەملەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە يالاڭباشتاق ئولتۇرۇش - باشقىلار تەگەيدىغان ئىشلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا نەزىر - چىراغ، ئۆلۈم - يېتىم مەرىكىلىرىگىمۇ يالاڭباشتاق بېرىش ئەيىب ئىشلار جۈملىسىگە كىرىدۇ. بۇنى جامائەت تەگەيدۇ.
9 . باشقىلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە داستىخان يىغىلماي تۇرۇپ (دۇئا قىلىنماي تۇرۇپ) ياكى باشقىلار تامىقىنى يەپ بولماي تۇرۇپ، داستىخاندىن تۇرۇپ كېتىش ناھايىتى ئەدەبسىزلىك بولىدۇ. (ر)