UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرىئىتتىپاقلىق - ئىناقلىق

ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىق

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ياخشى ئادەتلەردىن بىرى - ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىق، ئۆزئارا ئاداۋەت تۇتۇشماسلىق. ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، باشقا بىرى تەشەببۇسارلىق بىلەن ئاداۋەت تۇتۇشقانلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويىدۇ. ئاداۋەتكەشلەرنىڭ بىرى ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىپ يەنە بىر تەرەپكە چاي تۇتۇپ ناماقۇل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەت يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. بۇرۇن بەزى يەرلەردە ئاداۋەتلەشكەنلەردىن بىرى ئۆزلۈكىدىن يەنە بىر تەرەپنى ئاشپۇزۇلغا چىللاپ، چاي تۇتۇش يولى بىلەن ئاداۋەتنى تۈگىتىدىغان؛ بەزى يەرلەردە بولسا بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە چىلىم تۇتۇش يولى بىلەن ئاداۋەتنى يۇيۇدىغان ئەھۋال بولغانىدى. ھېيىت - ئايەم، ئۆلۈم - يېتىم ۋاقىتلىرىدا ئاداۋەت تۇتۇشقانلار بىر - بىرىنىڭ ئۆيىگە پەتىگە بېرىش؛ شۇنداقلا بىر - بىرىنىڭ كېسىلىنى يوقلاش ئارقىلىق ئاداۋەتنى يۇيىدۇ. ئاداۋەت تۇتۇشقانلارنىڭ بىرىنىڭ ئائىلىسى بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇققان بولسا، يەنە بىر تەرەپ شۇ ئائىلىگە كۆڭۈل سوراپ بېرىش يولى بىلەن ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇش - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرىنىڭ بىرى (ر)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىق | UyghurWiki | UyghurWiki