سالاملىشىش ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىنە، يۇرت - قېرىنداشلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا شۇنداقلا ياش قۇرامى ئۆزىدىن چوڭ بولغان تونۇش ياكى ناتونۇش ئاقساقاللارغا يولۇققاندا سالاملىشىش ھەممە خەلقلەرگە ئورتاق بولغان بىر خىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما سالاملىشىشنىڭ شەكلى، قائىدە - يوسۇنلىرى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا پەرقلىق بولىدۇ.
سالاملىشىش - ئەدەب - ئەخلاقنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار سالام - سائەتكە يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. ھەرقانداق ئاتا - ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئادەتتە تىلى چىققاندىن باشلاپ سالاملىشىشنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىشنى ئادەت قىلغان. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا سالام - سائەتنى بىلمەيدىغان ياكى ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدىغانلارنى جامائەت بىردەك ئەيىبلەشتىن تاشقىرى، ئۇنى ياخشى تەربىيىلىمىگەن ئاتا - ئانىسىنىمۇ ئەيىبلەيدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار ئۆزئارا سالاملىشىشقا ئەخلاق مىزانى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. مىلادى Ⅺ ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئالىمى، پەيلاسوپى ۋە شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا سالاملىشىشنىڭ قىممىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
5055 . سالامدۇر كىشىگە ئىسەنلىك يولى،
سالاملە قويۇلۇر ئىسەنلىك ئۇلى.
5056 . سالامدۇر كىشىگە ئىمىنلىك - ئامان،
قىلىنسا سالام، ساق بولۇر ئۇشپۇ جان.
4111 . كۆرەڭلەپ قولۇڭنى سېلىپ كىرمىگىن،
ئىلىك ئال سالامنى، غاپىل بولمىغىن.
4154 . كېرەكتۇر كىچىكتىن ئۇلۇغقا ھۆرمەت، ئۇلۇغمۇ كىچىككە قىلۇر ئەينىنى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادىتى ئەر - ئەياللاردا ئوخشاش بولمايدۇ.
1 . ئەرلەر ئارىسىدىكى سالاملىشىش
ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بىر قەدەر قەدىمكى ئەنئەنىۋى سالاملىشىش قائىدىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، سالاملىشىش ھاجىتى تۇغۇلغاندا ئۆزئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئادىتى يوق (لېكىن مۇتلەق ئەمەس) . ئەكسىچە، سالام بەرگۈچى A تەرەپ ئوڭ قولىنى سول كۆكسىگە ئېلىپ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام تۇيغۇسى بىلەن باشنى ۋە بەلنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېگىپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىش، سالام قوبۇل قىلغۇچى B تەرەپمۇ يۇقىرىقى شەكىل بىلەن «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەپ سالامغا جاۋاب قايتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن.
ئۇيغۇرلاردا ئالدى بىلەن ياش قۇرامى كىچىكلەرنىڭ ئۆزىدىن ياش قۇرامى چوڭلارغا سالام بېرىشى شەرت قىلىنغان.
جامائەت توپلاشقان ئاممىۋى سورۇننىڭ ئالدىدىن بىرەر ئۇلاغلىق (ئات ياكى ئېشەك مىنگەن) كىشى ئۆتۈشكەن توغرا كەلسە، جامائەتنى تونۇش ياكى تونۇماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ كىشى مىنگەن ئېتى ياكى ئېشىكىدىن چۈشۈپ جامائەتكە سالام بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلاغقا قايتا مىنىپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا بىرەر كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆلگۈچىنى تونۇش - تونۇماسلىقىدىن قەتئىينەزەر مۇسىبەت بولغان ئۆيگە بېرىپ پەتە قىلىپ ھال سوراش ئادىتى بار. ھال سوراپ باغۇچى كىشىنى ئۆلۈم ئىگىلىرى (ھازىدارلار) ئىشىك ئالدىدا ياكى ئۆيىدە كۈتۈۋالىدۇ. ئۆلۈم پەتىسىگە بارغۇچى كىشى ھازىدارلار بىلەن مۇسىبەت تۇيغۇسى ئىچىدە بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ(ھازىرقى زامان سالاملىرىدەك بىر قولىنى ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككى تەرەپ ئىككى قولىنى ئۇزىتىپ ئۆزئارا قوللىرىنىڭ ئۇچىنى ئاستا قىسىپ قويۇش) كۆرۈشكەندىن كېيىن قولىنى ئاجرىتىپ ھەر ئىككى تەرەپ ئېڭەكلىرىنى ياكى ساقاللىرىنى يەڭگىل سىيپاپ قويىدۇ. شۇ يوسۇندا ھازىدارلارنىڭ ھەممىسى بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن دۇئا - تەركبىر قىلىدۇ.
توي - تۆكۈنگە باغاندىمۇ توي ئىگىلىرى بىلەن يوقىرىقى قائىدە بويىچە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ چىقىدۇ.
مەلۇم ۋاقىت كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىغان يېقىن تۇغقانلار ياكى ئەل - ئاغىنىلەر ئۇچىراشقاندا چوڭقۇر سېغىنىشنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن باشقا، ئۆزئارا قۇچاقلىشىپ تەبىئىي ۋە يەڭگىل ھالدا مەڭزىنى مەڭزىگە تەگكۈزۈپ سالاملىشىدىغان ئادەتمۇ بار. تۇغقانلار ۋە يېقىن كىشىلەر يىراق جايلارغا سەپەرگە چىقىشقا توغرا كەلگەندە ياكى سەپەردىن قايىتىپ كەلگەندە كۈچلۈك سېغىنىش ھېسياتلىرىنى يۇقىرىقىدەك قۇچاقلىشىپ سالاملىشىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.
2 . ئاياللار ئارىسىدىكى سالاملىشىش
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادىتىدە ئومۇمەن. قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئادىتى يوق. ئاياللار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا، ئالدى بىلەن ئىككى قولىنىڭ پەنجىسىنى كۆكرەك ئۈستىدىن ئالماشتۇرۇپ، بېشىنى ۋە بېلىنى يەڭگىل ئېگىپ، ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن «ئەسسالام» دەپ سالام بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزئارا قۇچاقلىشىپ بىر - بىرىنىڭ سول مەڭزىگە ياكى ئۆزىدىن كىچىك قىزلار بولسا پېشانىسىگە ئاستا سۆيۈپ قويۇش سالاملىشىشنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزئارا ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ.
ئىسلام دىنىدا بالاغەت يېشىغا يەتكەن ئايال جىنسلىقلارنىڭ ئەر جىنسلىقلارغا يۈزىنى كۆرسىتىشنى «نامەھرەملىك» دېيىلىپ مەنئى قىلىنغاچقا، ئۇيغۇر ئايالىرى يېقىن ئۇرۇق - تۇغقان ۋە بىر ئائىلىدىكى ئەر كىشىلەردىن باشقا ئەرلەر بىلەن سالاملاشمايدۇ. قىزلار بىر ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىرگەندىن باشلاپ، ھەركۈنلۈكى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلا - ئارامنى سۈپۈرۈپ، يۈز - قوللىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، قېيىن ئاپىسى ۋە قېيىن ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ «ئەسسالامۇ»دەپ تىنچلىق - ئامانلىق سورايدۇ. قارشى تەرەپ سالامغا جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، كېلىن ھۆرمەت بىلەن ئارقىسىغا قايتىپ ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆيىگە ئەر ئايال مېھمان چاقىرغاندا ئومۇمەن ئەرلەرئايرىم، ئاياللار ئايرىم ئۆيدە كۈتۈلىدۇ، ئارىلاش ئولتۇرمايدۇ. ئاياللارنى ئاياللار، ئەرلەرنى ئەرلەر كۈتىدۇ (دولان يۇرتلىرىدا ئەر - ئايالار ئارىلاش بىر سورۇندا مەشرەپ ئۆتكۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار). ئايال مېھمانلار جەم بولغان ئۆيگە يەنە يېڭىدىن مېھمان كىرسە، ئۆيدىكى ئاياللار ھەممىسى ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە يېڭى مېھمان ھەممە ئاياللار بىلەن بىر - بىرلەپ يۇقىرىقى سالاملىشىش قائىدىسى بويىچە كۆرۈشۈپ چىققاندىن كېيىن ئۆز ئورنىدا ئولتۇرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت - بايراملىرىدا ئۆزئارا سالاملىشىش بايرام خۇشاللىقىنىڭ بىر كونكرېت ئىپادىسى سۈپىتىدە تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ، ھەتتا ھېيىت - بايرام كۈنلىرىدە، ئۆزئارا ئارازلىشىپ قالغان كىشىلەرمۇ ئۇچرىشىپ قالغاندا كۆرۈشۈپ سالاملىشىش پۇرسىتى ئارقىلىق كۆڭۈل ئارازلىقىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ.
يۇقىرىقىدەك ھەرخىل سالاملىشىش قائىدىلىرى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. (ئا)