UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرىبالا تەشنالىقى

بالا تەشنالىقى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت كۆرۈش ۋە ئۆز پەرزەنتىنى قاتارغا قوشۇش جەھەتلەردە بىر مۇنچە ئادەتلەر ساقلىنىپ كەلگەن. بۇلارغا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ ئەقىدىلىرى چوڭقۇر سىڭگەن. مەسىلەن: 1 ) بىراۋنىڭ بوۋىقى ساغلام. بۇدرۇق ئۆسۈپ تېز كۆزگە كۆرۈنگەن بولسا، بۇنىڭغا مەستلىكى كەلگەن باشقا بىرى بالىنىڭ ئانىسىدىن «بالا قانچە ئايلىق بولدى؟» دەپ سورىسا «كۆز تېگىدۇ» دەپ، گەرچە بوۋاق بەش - ئالتە ئايلىق بولغان بولسىمۇ، قەستەن «بىر ياشقا كىردى» ياكى «يېشىدىن ئاشتى» دەپ يالغان ئېيتىدۇ، بەزى ئاتا - ئانىلار بالىغا كۆز تېگىپ چەتنەپ كېتىدۇ. دېگەن خىيال بىلەن بوۋاققا قۇراق كىيىم تىكىپ كىيدۈرۈپ قويىدۇ: بالىنىڭ يۈزىگە قارا سۈكەپ سەتلەشتۈرۈپ قويىدۇ: ھەتتا بوۋاقنى تالا - تۈزگە چىقارماي ئۆيدىلا باقىدۇ. بەزىلەر بوۋاقنى تالا - تۈزىگە چىقارماي ئۆيدىلا باقىدۇ: ھەتتا بوۋاققا مەستلىكى كېلىپ ماختاپ سۆزلەپ قويسا، بۇنى ئاڭلىغان ئانا ئاچچىقى كېلىپ «تىلىڭغا تاش» دەپ غۇدۇڭشىپ نارازى بولىدۇ. 2 ) بالىسى تۇرمىغان ئاتا - ئانا بالا كۆرۈپ قالسا، ئۆز بالىسىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ كونا كىيىمىنى تىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆز بوۋىقىغا كىيىم تىكىپ بېرىدىغان ياكى بالىسى قاتارغا قوشۇلغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرى بوۋاق ۋاقتىدا كىيىگەن كىيمىلىرىنى سورىۋېلىپ بالىسىغا كىيدۈرىدىغان ئەھۋاللار ھازىرمۇ مەۋجۇت. 3 ) ئۇيغۇرلاردا ئاياللارنىڭ تۇغماس بولۇپ قېلىشى ئەيىب ئىشلاردىن بولۇپ سانىلاتتى. شۇڭا تۇغمىغان ئايال باشقىلار تەرەپتىن «قېچىر» دەپ ھاقارەتلىنەتتى. تۇغماس ئايالنىڭ ئالدىدا بىرى باشقىلار تەرەپتىن ھاقارەتلىنىپ تۇرسا، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ تۇغمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئېرىنىڭ ئۆزىنى قويۇپ بېرىشى ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئېلىۋېلىش خەۋپى تۇراتتى. شۇڭا بىچارە ئايال بىرەر بالا كۆرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك - تۈرلۈك سەۋەبلەرگە باش ئۇراتتى. ئېيتايلى، دوختۇر،تېۋىپلارغا كۆرۈنەتتى. ئۆزىنى موللىلارغا ئوقۇتاتتى، «ئانىلار» نى سېغىنىپ ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ سادىغىلار بېرەتتى. مازار - ماشايىقلارغا بېرىپ يىغلايتتى، يالۋۇراتتى، بۈۋىلەرگە بېلىنى تاڭدۇراتتى، بۈۋىلەر ئۇنىڭ بېلىنى تېڭىپ بولۇپ، سۈپۈرگىنى بالا ياساپ، بالا تەلەپ قىلغۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇ ئايالنى تەبرىكلىشەتتى. ھەتتا يېڭى تۇغقان ئايالنىڭ ئىسىق ئېشى (بالا ھەمراھى) نى سورىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئولتۇراتتى. ئۇ ئايالدا (ئەشكە ئولتۇرسام چوقۇم تۇغىمەن) دېگەن ئەقىدە بولاتتى. يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر ئارقىسىدا يەنە تۇغمىسا، بۇ ئايال ئۆز رازىلىقى بىلەن ئېرىگە كىچىك خوتۇن ئېلىپ بېرەتتى. ھەتتا بىرەر بالا بېقىۋالاتتى ياكى ئېرى مەجبۇرىي ھالدا بۇ ئايالنى قويۇپ بېرەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەقىدىسى بويىچە تۇغۇلغان بوۋاق مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، ياكى ھەر - خىل سەۋەبلەر بىلەن ئەيىبناق (مېيىپ) تۇغۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى «ئاللانىڭ ئىلتىپاتى» دەپ قاراپ ئوخشاش قەدىرلىنىدۇ. تۇغۇلغان بوۋاق قىز ياكى مېيىپ بولغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلارنى خارلاشنى كەچۈرۈگۈسىز ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ بىلىدۇ. (ر)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
بالا تەشنالىقى | UyghurWiki | UyghurWiki