UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرىمېھماندوستلۇق

مېھماندوستلۇق

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى مېھماندوستلۇق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئېسىل، ئەڭ ياخشى ئەنئەنىسى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆيگە مېھمان كەلسە «بەخىت كېلىدۇ» دەپ قارايدۇ. مېھماندۇستلۇق نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئىپادىلىنىدۇ. 1 . ئۆيگە كەلگەن مېھماننىڭ ھۈرمىتى ئۈچۈن، ئالاھىدە داستىخان سېلىنىدۇ. ئەقەللىيسى، قايناق سۇ، زاغرا بىلەن بولسىمۇ مېھمان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مېھماندۇستلۇقى ھېيىت - ئايەملەردە ئالاھىدە گەۋدىلىك كۆرۈلىدۇ. 2 . مېھمان ھۆرمەتكە سازاۋەر. مېھمانغا چاي ياكى تاماق پەتنۇس بىلەن سۇنۇلىدۇ. نائىلاج بىر قول بىلەن بېرىش توغرا كېلىپ قالسا «بىر قولۇم بولۇپ قالدى، ئەپۇ قىلىسىلا» دەپ ئۆزرە ئېيتىدۇ. شۇنداقلا مېھمان ياكى چوڭلارنىڭ قولىدىن بىر نەرسە ئالغاندىمۇ ئىككى قوللاپ ئېلىش - بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئادىتى. مېھمانغا چاي قۇيغاندا ياكى باشقا نەرسە سۇنۇلغاندا، ئوڭ قول ئىشلىتىلىدۇ. سول قولنى ئىشلىتىش مېھمانغا نىسبەتەن تولىمۇ ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. 3 . ئەر - خوتۇن دەرقەم تۇرۇپ مېھمان كۈتۈۋاتقاندا، ئۆي ئىگىسى بولغان ئايال ئەر مېھمانغا توغرىدىن - توغرا چاي ياكى تاماق سۇنمايدۇ. پەقەت ئېرى ئارقىلىق سۈنىدۇ. 4 . مېھمانغا چاي قويۇلغان ياكى تاماق ئۇسۇلغان قاچىنىڭ پۇچۇق ياكى دەز بولۇپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ. ئەگەر دىققەتسىزلىكتىن دەز ياكى پۇچۇق قاچىدا چاي ياكى تاماق كەلتۈرۈپ قالغان بولسا، ئۆي ئىگىسى سەزگەن ھامان يەڭگۈشلىۋاتىدۇ ۋە مېھماندىن ئەپۇ سورايدۇ. مېھمانغا چاي قۇيغاندا پىيالىنى تولدۇرۇپ قويمايدۇ، چاينى پىيالىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىش ناھايىتى ئەيىب بولىدۇ. شۇڭا چاي پىيالىنىڭ يان تەرىپىگە قۇيۇلىدۇ. پىيالىدىكى كونا چاي ئۈستىگە يېڭى چاي قۇيۇلماستىن، كونا چاينى تۆكۈۋېتىپ چاينى يېڭىلايدۇ. 5 . مېھمان كاڭلىق - سۇپىلىق ئۆيگە باشلانغان بولسا، مېھماننىڭ ئاستىغا كۆرپە سېلىنىدۇ. 6 . ئۆيگە كەلگەن مېھمان ئىشىك ئالدىدا ياكى دەرۋازا سىرتىدا ئۇزىتىپ قويۇلىدۇ. ئىشىكتىن چىقماي ئۇزىتىپ قويۇش مېھمانغا نىسبەتەن ناھايىتى ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. 7 . بىراۋنىڭ ئۆيىگە ئۇلاغلىق مېھمان كەلسە، ئۆي ئىگىسى ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىپ قارشى ئالغاندىن سىرت، مېھماننىڭ قولىدىن ئۇلاغنى ئېلىپ باغلايدۇ. مېھمان يانار ۋاقىتىدا ئۆي ئىگىسى ئۇلاغنى يېشىپ كېلىپ، مېھماننىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ، ئۇلاغقا مىنگۈزۈپ قويىدۇ. (ر)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
مېھماندوستلۇق | UyghurWiki | UyghurWiki