بوۋاقلارنى بېقىش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلار ياتلىق قىلىنغان قىزلىرى ھامىلىدار بولۇپ توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت،توققۇز سېكۇنت توققۇز دەقىقە قورساق كۆتۈرۈپ تەۋەللۇت قىلغان يېڭى جاننى بوۋاق دەپ ئاتايدۇ. بوۋاق مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدىسىدە ئۇلار «خۇدانىڭ بەندىسى» دېيىلىپ، ئوخشاش ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە قەدىرلىنىدۇ.
بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ كىندىكى كېسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ساغلام بەدەن، چىداملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈ ئۈچۈن تۈزلانغان يىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇپ (بوۋاقنى تۇنجى قېتىم يۇغان سۇغا ھەر خىل ئېرەملىك دورا - دەرمانلار، يەنى ئالما قېقى، ئادراسمان، ئارتىش ياپرىقى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇشتىن تاشقىرى، ئالتۇن ئۈزۈك ياكى ئالتۇن ۋارىقىنى داستىكى تەييارلانغان سۇغا تاشلاپ قويىدۇ)، سېغىزلىغان (ئۇپىلىغان) دىن كېيىن ئوبدان زاكىلايدۇ.
بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتە - توققۇز كۈن ئىچىدە بۆشۈككە بۆلىنىدۇ. بوۋاقنى بۆشۈككە سېلىش ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن بويان كەڭ ئومۇملاشقان ئادەت ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا بوۋاقلارنى ئاساسەن ئانا سۈتى بىلەن باقىدۇ. قوشۇمچە قوي مېيى بىلەن بۇغداي ئۇنىدا ئېتىلگەن بۇلماق، يۇمشاق پىشۇرۇلغان خام شويلا، قورۇلمىغا شورپىلىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزىدۇ. قوينىڭ قۇيرۇ مېيىنى پىشۇرۇپ سوسكا ئورنىدا شورىتىدۇ. ئومۇمەن بالىنىڭ يىلىكى توشىدۇ، دەپ ئانا سۈتى ھەم قۇۋۋەتلىك تاماق بىلەن باقىدۇ. بالىنىڭ يىلىكى توشمايدۇ ھەم سوغۇقچان (سوغۇق مىجەز) بولۇپ قالىدۇ، دەپ بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە ئاساسەن كالا سۈتى ئىچۈرمەيدۇ. خەلق ئارىسىدا تۇغۇلۇپلا كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالا كالا مىجەز، گومۇش بولۇپ قالىدۇ، دېگەن قاراشمۇ بار. شۇ سەۋەبتىن بالىسىنى بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە ئارىلىقتا ئېمىتمىگەن ئانىلار باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئەگەر ئانا كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بوۋاقنى ئېمىتىشكە ئىمكانىيىتى بولمىسا، شۇ پەيىتتە بالا ئېمىتىۋاتقان ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ياكى قولۇم - قوشنىلىرى ۋەكالىتەن ئېمىتىپ بېرىدىغان ئادەتمۇ بار. بۇنداق بالىلار «ئېمىلداش» دېيىلىدۇ. ئېمىلداشلار ئارا نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. (ئا)