خەير - ساخاۋەت
ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
ئۇيغۇر خەلقى ئىنتايىن خەير - ساخاۋەتلىك خەلق. ئۇلار باشقلارغا خەير - ساخاۋەت قىلىشنى «ساۋابلىق»ئىش دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار غېرىب - غۇرۋا، يېتىم - يېسىرلارغا ياردەم قوكلىنى سۇنىدۇ. ئۇلارغا يېمەك - ئېچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە پۇل ياردەم قىلىدۇ. ئەقەللىيىسى ئىشىك ئالدىغا كەلگەن تىلەمچىلەرنى قۇرۇق قول ياندۇرمايدۇ.
خەير - ساخاۋەتنىڭ تۈرلىرى كۆپ. ئادەتتە پاناھ ئىزدەپ ياقا يۇرتلارغا بېرىپ قالغان مۇساپىرلار بولسا، شۇ يۇرتتىكى ھال - ئوقىتى ئوبدان يۇرتداشلىرى باشپاناھ بولۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ، ھەتتا ئۆي - ئوچاقلىق قىلىپ قويىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ قول - ئىلكىدە بارلىرى ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا پۇل ۋە چارۋا مېلىنىڭ قىرىقتىن بىر ئۈلۈشىنى «زاكات» قا ئايرىپ، كەمبەغەللەرگە بېرىشى بۇمۇ خەير - ساخاۋەت جۈملىسىگە كىرىدۇ.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياستىنىڭ پارلاق نۇرىدا نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن بېيىدى. ئۇلار بېيىغاندا ئۆز ئەتراپىدىكى ئىگە - چاقىسىز ئادەملەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ياردەم قولىنى سۇندى. بۇمۇ ئۇيغۇر خەلقىدىكى «خەير - ساخاۋەت» نىڭ روشەن ئىپادىسى. (ر)