UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرىئاپتۇۋا - چىلاپچا

ئاپتۇۋا - چىلاپچا

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى ئاپتۇۋا - چىلاپچا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يۈز - قول يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەنئەنىۋى ئائىلە سايمىنى. ئاپتۇۋا - ئۇزۈن ۋە ئىنچىكە جۈمەكلىك، قورساقلىق، بوغۇزى تار بولىدۇ. چىلاپچا - يۈز قولنى يۇغاندا يۇندا ئېقىپ چۈشىدىغان قاچا بولۇپ، يېپىقلىق ئاغزى بولىدۇ. ئاپتۇۋا - چىلاپچا - مىس ياكى تۇچتىن ياسالغان بولۇپ، ئىچى قەلەيلەنگەن. بۇلار چىرايلىق نەقىشلەنگەن بولۇپ، دات باسمايدۇ. بۇ ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ سەنئىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئاپتۇۋا - چىلاپچا ھەر ئائىلىدە ھازىرلانغان بولىدۇ. ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئاپتۇۋا - چىلاپچا بىلەن مىھمانغا سۇ بېرىلىدۇ. سۇ بەرگۈچىنىڭ قولىدا لۆڭگە بولىدۇ. قول يۇغۇچىلار قولىنى ئۈچ قېتىملا يۇيىدۇ. يۇيۇلغان قول لۆڭگىگە سۈرتۈلىدۇ. يۇيۇلغان قولنى لۆلڭگىگە سۈرتمەستىن، قولنى سىلكىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. يۈز - قولىنى يۇغاندا، سۇنى ئېقىتىپ يۇيۇش، تازلىق تەلىپىگە تولىمۇ ئۇيغۇن. بەزى ئائىلىلەر ئاپتۇۋا- چىلاپچىنى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئۆيىنىڭ تەكچىلىرىگە تىزىپ قويىدۇ. (ر)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
ئاپتۇۋا - چىلاپچا | UyghurWiki | UyghurWiki