UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرىمىراسخورلۇق

مىراسخورلۇق

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، مىراسنى ئىسلام دىنى - شەرىئەت قائىدىسى بويىچە تەقسىم قىلىشقا ئادەتلەنگەن. شەرىئەت قائىدىسىدە مىراس بۆلۈش نىزامى مۇنداق بەلگىلەنگەن: مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى بىردىن بولسا، ئومۇمىي مىراسنى ئۈچكە بۆلۈپ، ئىككىسى ئوغۇلغا. بىرى قىزغا تېگىدۇ. قىز ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئومۇمىي مىراسنى ئۈچكە بۆلۈپ ئىككىسى قىزلارغا، بىرى ھەسسىسى ئوغۇلغا تېگىدۇ. ئەگەر ۋارىس قىز بالا بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ بالىلىرى بولسا، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەربىرىگە ئومۇمىي مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بالىسى بولمىسا مىراسقا ئاتا - ئانا ۋارىسلىق قىلىدۇ. لېكىن مىراسنى ئۈچكە بۆلۈپ، ئۇنىڭ ئىككىسى دادىسىغا، بىر ھەسسىسى ئانىسىغا تېگىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن باشقا قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمى تېگىدۇ، قالغىنى دادىسىغا تېگىدۇ. ئايال ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، ئۇ قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى تېگىدۇ. ئەر ۋاپات بولسا، بالىلىرى بولمىسا مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى ئايالغا تېگىدۇ. ئەرنىڭ بالىلىرى بولسا ئايالغا مىراسنىڭ سەككىزدىن بىر قىسمى تېگىدۇ. مىراس قالدۇرغۇچى، ئاتا - ئانىسىز، بالىسىز ئەر ياكى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئانا بىر قېرىندىشى ۋە ئانا بىر ھەمراھى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر - بىرىگە ئومۇمىي مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇرچىنىڭ ئانا بىر ئاتا باشقا قېرىنداشلىرى، ھەمشىرلىرى بىردىن كۆپ بولسا، مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى ئۇلارغا ئورتاق تەقسىم قىلىنىدۇ. مۇبادا، مىراس تەقسىم قىلىنغاندا، ۋارىس ئەمەس تۇغقانلار ياكى تۇغقان ئەمەس يېتىم - يېسىرلارغا كېلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ياخشى سۆز قىلىپ، ئاز - تولا بىر نەرسە بېرىش زۆرۈر دەپ كۆرۈسىتىلگەن ۋە بۇ تەقسىمات،مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندىلىپ بولغان ھاياتلىقتىكى قەرزلىرى تۆلنىپ بولغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ. مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زىيان سالماسلىق شەرتى بىلەن ئورۇندىلىشى لازىم، بالىلارغا بۆلۈنگەن مىراس،بالىلار چوڭ بولغۇچە ساقلىنىپ تۇرۇشى، چوڭ بولغاندا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى لازىم دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ بەلگىلىمە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە مىراس تەقسىم قىلغۇچى ئالىملار تەرىپىدىن، مىراس ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ نىسبەت (ئوق) كە بۆلۈپ شەرىئەت قائىدىسى بويىچە تەقسىم قىلىنىغان. كېيىنچە ئىسلام شەرىئەتنىڭ مىراسخورلۇق توغرىسىدىكى بۇ بەلگىلىمىلىرى ئاددىيلىشىش «ئەرگە پۈتۈن،ئايالغا يېرىم» دېگەننى ئاساس قىلىپ مىراس بۆلۈش ئادەتكە ئايلانغان. دىنىي شەرىئەت بويىچە مىراس بۆلىدىغان بۇنداق ئادەت 1950 - يىلىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دۆلەتنىڭ «مىراسخورلۇق قانۇنى» بويىچە مىراس بۆلۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. (ش)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى