لەقەم
ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلاردا ئارىسىدا لەقەمسىز ئادەم ئاز تېپىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «لەقەمسىز ئەر بولماس، ئويماقسىز خوتۇم» دېگەن ماقال كېلىپ چىققان. لەقەم - كىشىلەرنىڭ بىرەر خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، ھەزىل قىلىپ ياكى مەسخىرىلەپ بېرىلگەن قوشۇمچە نام. لەقەم - بىر ئادەمنىڭ مىجەز - خاراكتېرىنىڭ قانداقلىقىنى، نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى،... بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ. لەقەم - لەقەم ئىگىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئەمەس، بەلكى باشقىلار تەرەپتىن قويۇلۇپ سىڭدۈرۈۋېتىلگەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن لەقەمنى ئىسىمغا قوشۇپ ئېيتىش ئادىتى شەكىللەنگەن.
ئۇيغۇرلاردا لەقەم مۇنداق قويۇلۇپ كەلگەن:
1 ) كەسپىي لەقەملەر - ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل لەقەملەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، xx بورىچى، xx كىگىزچى، xx باخشى، xx سەيپۇڭ، xx مەنجاڭ، xx چامباشچى، xx چاڭ، xx راۋاب، xx تەمبۇر دېگەنلەرگە ئوخشاش.
2 ) مىجەز - خاراكتېرىگە مۇناسىۋەتلىك لەقەملەر - بۇ خىلدىكى لەقەملەر ئۇيغۇرلاردا خېلى كۆپ. مەسىلەن، xx دودەن، xx ئەسكى، xx سەتەڭ، xx سوغۇق، xx تۈلكە، xx شەيتان، xx جىن دېگەنلەرگە ئوخشاش.
3 ) فىزىئولوگىيىلىك لەقەملەر - بۇ خىل لەقەم ئۇيغۇرلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، xx تۆگە، xx قوتاز، xx قاۋان، xx چاشقان، xx كاناي، xx دەلدۈش ... دېگەندەك.
4 ) بىراۋنىڭ باتۇرلۇقىغا قاراپ قويۇلىدىغان لەقەملەر. مەسىلەن، xx پالۋان، xx نوچى، xx باتۇر، دېگەندەك.
5 ) بەزى ئادەملەرگە سىياسىي تۈس ئالغان لەقەم قويۇلۇپ، ئوبدان سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن، xx ناھىيىسىدە بىر دېھقان ئۆز يۇرتىدا ھەمكارلىق گۇرۇپپا قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئالىي كوپىراتىپ قۇرۇلغانغا قەدەر )ئۆلگەنگە قەدەر( يەككە ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «xx يەككە» دېگەن لەقەم قويۇلغان ۋە ئوبدان سىڭىپ كەتكەن. شۇنداقلا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە شەكىللەنگەن «زاۋفەنپەي»، «باۋخاڭپەي» دېگەن تەشكىلاتلارنىڭ قاتناشچىلىرىدىن ئۆز تەشكىلاتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ساداقىتى ۋە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقىغا قاراپ، ئۇلارغا xx زاۋفەنپەي، xx باۋخاڭ ... دېگەندەك لەقەملەرقويۇلۇپ سىڭدۈرۈلگەن. دېمەك،لەقەم كۈچلۈك ھەجۋىيلىككە ئىگە بولىدۇ.
بەزى لەقەملەر لەقەم ئىگىسى ئۆلۈپ كېتىش بىلەن ئەۋلادىغا مىراس قالىدۇ. ئېيتايلى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «يەككە» دېگەن ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن، بالىسى گۇڭشېغا كىرگەن بولسىمۇ، «يەككە»دېگەن لەقەم بالىسىغا قالغىنىغا ئوخشاش ...، «xx باخشى» دېگەن ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ لەقەم بالىلىرىغا قالغىنىغا ئوخشاش.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شەخىسىي لەقەمدىن باشقا يەنە يۇرت - مەھەللە لەقىمى بولىدۇ. مەسىلەن،تۇرپاندا «پالاسلارمەھەللىسى»، «تورغايلارمەھەلىسى» دېگەن مەھەللىلەر بار. بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئورتاق لەقىمى «پالاس»، «تورغاي» بولغىنىغا ئوخشاش.
لەقەم بەزمە - ئولتۇرۇشلاردا ۋە باشقا سورۇنلاردا چاقچاق كۈلكە ئۈچۈن ئوبدان تېما بولۇپ بېرىدۇ. لېكىن لەقەم توغرىدىن - توغرا ئوتتۇرىغا قويۇلمايدۇ. بۇنداق بولمىغاندا، چاقچاق كۆتۈرەلمەيدىغان ئادەم بولسا كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئەگىتمە يول بىلەن شۇ لەقەمگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر قىلىندۇ. ئېيتايلى، «توخۇ» لەقەملىك ئادەم بولغان بولسا، توخۇنىڭ خۇسۇسىيىتىگە دائىر سۆزلەر قىلىنىدۇ - دە، باشقىلارسورۇندا «توخۇ» لەقەملىك ئادەم بارلىقىنى بىلىدۇ،ۋەھاكازا.
دېمەك، لەقەم قويۇش ئۇيغۇرلارنىڭ خۇش چاقچاق، يۇمۇرىستىك خاراكتېرىنىڭ كونكرېت ئەكس ئېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ر)