قوشنىدارچىلىق
ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلاردا قوشنىدارچىلىق جەھەتتە ئوبدان ئەنئەنىلەر ساقلانغان.
1 . قوشنىلار بىر - بىرى بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتۈشىدۇ. بىر - بىرىنىڭ خوشاللىقى ۋە قايغۇ - ھەسرىتىگە ئورتاقلىشىدۇ. بىر - بىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدۇ. بولۇپمۇ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم بولغاندا بۇ ئالاھىدە گەۋدىلىك كۆرۈلىدۇ. ئۇ چاغدا ئېغىر- يېنىك ئىشلاردا بىر - بىرىگە ئوبدان ھەمكارلىشىدۇ. شۇڭا «يىراقتىكى تۇغقاندىن، ياندىكى قوشنا ياخشى» دېگەن ماقال كېلىپ چىققان.
2 . قوشنىلار ئەتىگەن - ئاخشاملىرى «بارمۇسەن - يوقمۇ سەن ؟ » دېيىشىپ، بىر - بىرىدىن ھال - ئەھۋال سورىشىپ تۇرىدۇ. ئادەتتىكى كۈنلەردە كىرىش - چىقىش قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرىدۇ.
3 . قوشنىلار ئۆزئارا كەم -كۈتە نەرسىلىرىنى بىر - بىرىدىن ئۆتنە - يېرىم قىلىشىدۇ. سورالغان نەرسە بارلار بولسا بارمەي قويمايدۇ.
4 . قوشنىلار ئۆزئارا بىر - بىرىگە تاماق سۇنۇشىدۇ. قوشمىلاردىن بىرى ئوبدان تاماق قىلغان كۈنى شۇ تاماقتىن ئۆز قوشنىسىغا كىرگۈزۈش، ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن ياخشى ئەنئەنىمىز . تاماق كىرگۈزۈلگەن قاچا قۇچان قايتىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرگىز قۇرۇق قايتمايدۇ.
5 . يىڭى قوشنىلار كۆچۈپ كەلسە، كونا قوشنىلارئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ئۆيلىرىگە چاقىرىپ كۈتۈۋالىدۇ. شۇنىڭدەك قوشنىلاردىن بىرەرسى كۆچۈپ كەتسە. قېپقالغان قوشنىلار چاي قىلىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. كۆچۈپ كەتكەن ۋە قېپقالغان قوشنىلار بىر - بىرىنى دائىم ئىزدىشىپ تۇرىدۇ.
6 . قوشنىلارنىڭ بىرەرىنىڭ ئۆيىدە ماتەم - مۇسىبەت بولغان بولسا، باشقا قوشنىلارئۆز ئۆيىدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارمايدۇ.
7 . قوشنىلارنىڭ بىرەرسىنىڭ يىراق ياقا - يۇرتلاردىن يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كەلسە، باشقا قوشنىلارقوشنىنىڭ ھەم كەلگەن مېھماننىڭ ئىززىتىنى قىلىپ ئۆز ئۆيلىرىگە چاقىرىۋالىدۇ.
8 . قوشنىلاردىن بىرەرسى يىراق - يېقىن بىر ياققا كېتىپ قالغاندا، باشقىلار ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىپ قويىدۇ. بۇ قوشنىدارچىلىقتا كەم بولمايدىغان ياخشى خىسلەت.
9 . قوشنىلار بىر - بىرىنىڭ كەينىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلمايدۇ. بۇنداق قىلىشنى نومۇس دەپ بىلىدۇ.
10 . قوشنىلار پەرزەنتلىرىنى خۇددى بىر ئائىلىنىڭ بالىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈشكە دالالەت قىلىپ تۇرىدۇ. (ر)