يۇرتداشلىق مۇناسىۋەت
ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يۇرت - مەھەللىلەر گەرچە يەككە ئائىلىلەردىن تەركىب تاپسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۇرتداشلىق مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادىتىدە يۇرت - مەھەللىدىكىلەر بىلەن بىر تۇغقاندەك ئىناق ئۆتۈشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دېگەن ماقال كېلىپ چىققان. يۇرتداشلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھەمكارلىق ئادەتلىرى ۋە تۇرمۇشتىكى ھەمكارلىق ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا، دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنىڭ خاراكتېرى بويىچە، ھەر جەھەتتىن زىچ ھەمكارلىققا موھتاج بولىدۇ. دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋاقىت خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، تېرىقچىلىق ۋە يىغىم پەسىللىرىدە ھەق تەلەپ قىلىنمايدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋى لاپقۇتلىشىش ئادىتى شەكىللەنگەن، چۈنكى ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغاچقا، «كۈندىن قالسا يىلدىن قالىدۇ» غان جىددىي پەيىتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزئارا لاپقۇتلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلغان.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇرمۇشتىكى ھەمكارلىشىش ئادەتلىرى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئائىلىلەرئارىسىدىكى دوستانە ئالاقە تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭگەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توي - تۆكۈن ياكى ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى يۈز بەرسە مەھەللە ھەتتا يۈرت بويىچە خالىسانە ياردەم بېرىدىغان ئېسىل ئادەت بار. مەلۇم ئائىلىدە توي بولماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قولۇم - قوشمىلار ئۆزلۈكىدىن شۇ ئائىلىگە بېرىپ «ياردەملىشىدىغان ئىش بارمۇ ؟ » دەپ ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. توينىڭ يېمەك - ئىچمەكلىرىنى تەييارلاشتىن تارتىپ مېھمانلارنى كۈتۈش ۋە ئۇزتىشقىچە قولۇم - قوشنا ۋە يار - بۇرادەرلەر جەم بولۇپ، خالىسانە ياردەملىشىدۇ. ھەتتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئۆيلىنەلمىگەن يېتىم - يېسىر يوقسۇللارنى يۇرتداشلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ ئۆي - ئوچاقلىق قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ياردەمنى «ساۋابلىق ئىش» دەپ ھېسابلايدۇ.
ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىدا بۇنداق ئۆزئارا ھەمكارلىق تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى ئۆلۈم ئىشى كۆپنچە تاسادىپىي يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئەھۋالدا ئۆلۈم ئىگىسى باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تېخىمۇ مۇھتاج بولىدۇ. ناۋادا ئۆلۈمگە ئىگە بولىدىغان ئادىمى يوق يېتىم - يېسىرلار ئۆلۈپ قالسا، ئۇنى دەپنە قىلىش ئىشلىرىغا باشتىم - ئاياغ يۇرت - جامائەت مەسئۇل بولۇپ خالىس ئۇزىتىدۇ.
يۇرت ئىچىدە بىرەر ئائىلە يېڭىدىن ئۆي سالماقچى بولسا، قولۇم - قوشنىلار ۋە يۇرتداشلار ھەرىكەتكە كېلىپ خالىسانە ياردەم بېرىدۇ.
يۇقىرقىلاردىن تاشقىرى ھەرخىل تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېغىر زىيان -زەخمەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ ھەمكارلىشىش، ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىش قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ بىرى.
ئۇيغۇرلار ئىچىدە كۆپىنچە بىر مەسچىت جامائىتى بىرلىك قىلىنىپ، شۇ دائىرە ئىچىدە ھەرخىل تۈزۈملەر ۋە نىزاملار يولغا قويۇلغان. بىرەر ئەھۋال يۈز بەرسە مەسچىت جامائەتلىرى بىرلىكتە كېڭىشىپ ھەل قىلىغان. ئەگەر بىرەر ئائىلىدە ئاغرىق - سىلاق بولسا، مەسچىت جامائەتلىرى بامدات نامىزىدىن يېنىپ، كوللېكتىپ ھالدا ئاغرىقنى يوقلاپ ھال سورايدۇ، بىر قانچە كۈن مەسچىكە چىقماي ئىز - دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆيىگە جامائەت توپلىشىپ بېرىپ ئەھۋال ئۇقۇشىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغان قېرى - چۈرىلەرنى داۋاملىق يوقلاپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدۇ. يۇرت - مەھەللە ئىچىدە ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئۇرۇش - جېدەل، زىنا قىلىش قاتارلىق نالايىق قىلمىشلار سېزىلسە، يۇرتداشلار بىرلىكتە كېڭىشىپ جازالاش چارىلىرىنى بېكىتىدۇ.
ئومۇمەن ئالغاندا، يۇرتداشلىق مۇناسىۋەت ئىستېخيىلىك ھالداشەكىللەنگەن بولۇپ، ئۆرپ - ئادەت تۈسىدە ئىپادىلىنىدۇ. (ئا)