UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرىئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلار

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلار

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى مەملىكەت بويىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرىچە ياش جەھەتتىمۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 1985 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز ياشتىن ئاشقان سەككىز يۈز ئاتمىش ئۈچ كىشى بولۇپ، ھەربىر مىليون كىشىگە ئاتمىش ئالتىدىن توغرا كېلىپ، مەملىكىتىمىزدىكى يۈز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ يىگىرمە ئۈچ پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. يۈز ياشتىن ئاشقان بۇ سەككىز يۈز ئاتمىش بەش كىشىنىڭ سەككىز يۈز ئىككى نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى خوتەنگە مەركەزلەشكەن. ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ تولىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەردىن چەترەك يېزا - قىشلاقلىرىغا، پامېر ئېگىزلىكىنىڭ ئېتەكلىرىگە ماكانلاشقان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇلار ياشىغان رايونلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ھاۋا كىلىماتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەنى ئۇلار ئولتۇراقلاشقان يەرلەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل،ھاۋاسى ساپ بولۇپ، بولغىنىشتىن خالىي، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش مەزگىلى ئۇزۇن، قىسقىسى مۇھىت ساپ ۋە گۈزەل. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان. ئالايلۇق، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ تولىسى شەھەرلەردىن يىراق، خىلۋەت جايلاردا تارقاق ئولتۇرۇقلاشقان. شۇڭا بۇ جايلار كىشىنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلايدىغان سۈنئىي شاۋقۇن - سۈرەنلەردىن خالىي، ئادەم زىچلىقىدىن پەيدا بولىدىغان ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرمۇ يوق دېيەرلىك. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپچىلىكى كېسەلگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچ ھاسىل قىلىدىغان خىمىيىلىك دورىلارنى ئۆمۈربويى ئىچىپ باقمىغان. ئۇلار ئۆمۈر بويى دائىم دېگۈدەك جىسمانىي ئەمگەكتىن ئايرىلمىغان، ئۇلارنىڭ شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەك تۈرى دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق (قۇشلاش) تىن ئىبارەت بولۇپ، ساپ ھاۋادىن ئەركىن نەپەسلىنىشكە ئادەتلەنگە. ئۇلار ئاددىي - ساددا ياشاشنى تۇرمۇش ئادىتى قىلغان. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تەلىپىمۇ يۇقىرى ئەمەس. ئىچىملىك - چېكىملىكنى ئادەت قىلمىغان. ھەزىم قىلىش قىيىن بولىدىغان ئېغىر يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئادەتلەنمىگەن. ئەكسىچە، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ تولسىدا قىش - ياز دېگۈدەك ئۈجمە، ئۆرۈك،ياڭاق، قوغۇن - تاۋۇز، شاپتۇل، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋە - چېۋىلەر ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسىلىق يېمىكى قوناق بولۇپ، بۇغدايدىن تەييارلىنىدىغان يېمەكلىكلەر ئاز، قورۇما تاماقلارنى يېيىشكە ئادەتلەنمىگەن. ئۇلارنىڭ ئاسادىلىق ئىستېمال قىلىدىغان سەي - كۆكتاتى - چامغۇر، سەۋزە، پىيازدىن ئىبارەت. كونىراپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئاساسەن يېمەيدۇ. ئىچىدىغان سۈيى تاغلاردىن ئېقىپ كەلگن ئېقىن سۇ بولۇپ، ئۇسسۇزلۇققا كۆپرەك سوغۇق سۇ ئىچىدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ پىسخىك ئادىتى كەڭ قورساق ۋە خۇش تەبىئەتلىك بولۇپ، خاپىلىقنى خالىمايدۇ. كۆپچىلىكى ناخشا - مۇزىكىغا ئامراق، ئىناقلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزئارا ئىقتىسادىي پايدا قوغلىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى نامازخان بولۇپ، بەش ۋاخ نامازنى تەرك قىلمايدۇ. تۇرمۇش ئىمكانىيىتى تولۇق بولمىسىمۇ، ناماز ئوقۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بويىچە بەدەن ئەزالىرىنى داۋاملىق يۇيۇپ تۇرىدۇ. يېمەك - ئېچمەك تازلىقى ۋە شەخسىي تازىلىققا كۆڭۈل بۆلىدۇ. كىيىنىش جەھەتتە، ئۇلار سۈنئىي تالالىق كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىپ باقمىغان. ئاساسەن، يەرلىك ئۇسۇلدا توقۇلغان پاختا رەخىتلىرى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كىيىم - كېچەك ماتېرىياللىرى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، تۇغما قانداشلىق تەسىرمۇ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، يۈز ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپچىلىكىنى تەكشۈرۈگەندە، شۇ كىشىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ۋە ئەجدادلىرىمۇ سەكسەن - توقسان ياشلارغا كىرىپ قالغان بالاچاقىلىرى بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى تىمەن ۋە ساغلام. ئومۇمەن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. (ئا)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلار | UyghurWiki | UyghurWiki