UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرىئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى مەلۇمكى، ئادەم ئىسىملىرىمۇ مەدەنىيەت ھادىسىلىرىدىن بولۇپ، ئادەمنىڭ بىر خىل ئىجتىمائىي شەرتلىك بەلگىسى، ھەر مىللەت ئۆزىگە خاس ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسىگە ئىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئالاھىدىلىكى، ئىسىملارنىڭ كۆپ خىل، كۆپ مەنىلىك، تەكرار، سىمۋوللۇق ۋە كۆپىنچە لەقەملىك كېلىشىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئىپادىلىرى : 1( قەدىمكى ئەنئەنە ئاساسىدا ئىسىم قويۇش: بۇنداق ئىسىملار ئەجدادلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادى بويىچە ئۇلۇغلىغان، قەدىرلىگەن شەيئىلەر نامىدا قويغان ئىسىملارغا تەقلىد قىلىپ قويۇلغان ئىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، چولپان، ئاي، يولۋاس، ئارسىلان، يۇلتۇز، ئالتۇن قاتارلىقلار. مۇندىن باشقا ئەجدادلىرىمىز بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئالدى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن نەرسىنى بالىغا ئات قىلىپ قويۇشنىمۇ ئادەت قىلغان. تاش، تۆمۈر، سۈپۈرگە، كېپەك، چىمەن، پاسار، كەكە، پالتا، چۇۋا، چوڭ، كىچىك، باتىش، قاتارلىق ئىسىملار ئاشۇنداق ئادەت ئاساسىدا قويۇلغان ئىسىملاردىن. 2) ئارزۇ - تىلەك، مۇراد - مەقسەت ئاساسىدا ئىسىم قويۇش: ئەجدادلىرىمىز ئىز - نىشانىمىز، چىرىغىمىز ئۆچمىسۇن دېگەن مەقسەتتە ئارزۇ - تىلەك، مۇرات - مەقسەت ئۇقۇمى ئاڭلىنىدىغان سۆز - ئىبارىلەرنى بالىلىرىغا ئىسىم قىلىپ قويۇشنى ئادەت قىلغان. توختى (خان)، تۇرسۇن (خان)، تۇرغۇن، سېتىۋالدى، خۇدا بەردى قاتارلىقلار. 3) ئەرەبچە، پارىسچە ئىسىم قويۇش: ئەرەبچە، پارىسچە ئىسىم قويۇش ئادىتى ئەجدادلىرىمىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىسلام دىنى ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسلام ئەقىدىلىرى بويىچە ئىسىم قويۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەرەبچە، پارىسچە ئىسىم قويۇش تەدىرىجىي مىللىي ئادەت تۈسىنى ئالغان. بۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ پەزىلەت - سۈپەتلىرىنى، مالا - ئىكەن پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى، ئىسلام، ئەرەب، پارىس تارىخى، ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش ۋە ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە بىرىكمە ئىسىم قويۇش ئادىتى شەكىللەنگەن، ئابدۇلھېمىت (ھەممىگە ھەممەت ئاتا قىلغۇچى)، غوپۇر (ئەپۇ قىلغۇچى)، ئابدۇكېرىم (خۇدانىڭ بەندىسى)، ئابدۇرەھىم (ھەممىگە رەھىم قىلغۇچى)، پەيزۇللا (خۇدانىڭ پەزىلەتلىك بەندىسى)، ئابدۇقادىر (ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ بەندىسى) ۋە باشقىلار؛ ئىسرايىل، ئىسراپىل؛ ئىبراھىم، ئىسمايىل، ياقۇپ، مۇھەممەت، ئەيسا، ئىدرىس، موسا، ئىسھاق؛ ئوسمان، ئېلى، ئۆمەر، ئابابەكرى، خەدىچە، ھاۋا، مەريەم، پاتىمە، زۆھرە، ھەسەن - ھۈسەن، ھارۇن، ئىسكەندەر، تاھىر - زۆھرە؛ ئايجامال، توختىنىياز، گۈلباھار، توختىباقى، تۇرنىسا، گۈلنىسالار شۇ ئادەت بويىچە قويۇلغان ئىسىملاردىن. ئۇيغۇرلاردىكى ئىسىملارنىڭ تەكرارلىنىش ھالىتى كۆپىنچە ئەرەبچە، پارىسچە ئىسىملاردا ئۇچرايدۇ. مۇندىن باشقا ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە بالىنىڭ تۇغۇلغان ئاي، كۈن نامىنى ئات قىلىپ قويۇش ئادىتىمۇ كېلىپ چىققان؛ مەسىلەن، جۈمە (ئاخۇن ياكى خان)، روزى (ئاخۇن ياكى خان)، بارات، ھوشۇر (ئاخۇن ياكى خان)، رەجەپ قاتارلىقلار. 4) نەسەب قوغلىشىپ ئىسىم قويۇش؛ ئۇيغۇرلاردا ھازىر نەسەبچىلىك، شەجەرىچىلىك ئادىتى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، نەسەب قوغلىشىپ ئىسىم قويۇش ئادىتى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ ئادەتتە يەنىلا ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەي ئەسلەپ تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ھەر ئۈچ ئەۋلادتا بىر ئىسىم يۆتكەش ئومۇملاشقان. بۇ ئادەت بويىچە تولاراق نەۋرىلەرگە بوۋاي، مومايلارنىڭ ئىسمى قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ ئىسىملارنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق بوۋاي، مومايلارنى ئەسلەش مەقسىتى جارىي قىلىنىپ كەلگەن. 5) سىمۋول خاراكتېرلىك ئىسىم قويۇش؛ ئەجدادلىرىمىز باتۇر، قەيسەر، گۈزەل شەيئىلەرنى سىمۋول قىلىپ شۇنداق شەيئىلەرنىڭ ئېتىنى ۋە نازاكەت، لاتاپەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىدىغان سۆز - ئىبارىلەر تولاراق قىز - ئاياللارغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن، قۇندۇز، پەرىزە، نۇر، ئالماس، گۈلجامال، ئايتىللا، گۈلبوستان، ئىپار، چىمەن، نازاكەت، مەدەنىيەت، ئايتۇران، باتۇر (جان)، سۇمرۇغ، چىنار، مايسىخان قاتارلىقلار. مۇشۇ ئادەت بويىچە قىزلار ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا دائىم <خان>، <قىز>، <گۈل> دېگەن سۈپەت قوشۇمچىلار قوشۇپ چاقىرىلىدۇ. 6) پەرقلىق ئاتاش ئادىتى: ئەجدادلىرىمىز ئادەم تۇغۇلۇپ ئىسىم قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ياش باسقۇچى بويىچە پەرقلىق ئاتاپ كەلگەن. بۇ ئادەت بويىچە بالا تۆت - بەش ياشقا كىرگۈچە ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالماي سىمۋول خاراكتېرىگە ئىگە ئەركىلەتمە نام بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئوغۇلبالىلار <قوزام>، <بوتام>، <بېگىم> (بەگ)، <پاقلىنىم>، <پاشايىم>، <گاڭ>، <قارىچۇغام>؛ قىزلارغا <پەرى>، <ئاي>، <خان>، <خانەك>، <گۈل - گۈلۈم>، <مونچىقىم>، <ئىپار>، <چولپىنىم>، <تومۇچۇقۇم> قاتارلىق . بەش ياشتىن ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغۇچە ئۆز ئىسمىغا <گۈل>، <قارى>، <ئاخۇن>، <بەگ> قاتارلىق سۈپەت قوشۇمچىلرى قوشۇپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئابلىمىتخان، توختاخۇن، يۈسۈپبەك، يۇنۇس قارى، تۇرسۇنقىز، رەيھانگۈل قاتارلىق. ياشانغانلار ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغا <دادا>، <ئاتا>، <بوۋا>، <موما>،<ئانا>، <تاغا> قاتارلىق ئىسىملار قوشۇپ ئاتىلىدۇ. 7) لەقەم قويۇش ئادىتى: ئۇيغۇرلاردا بۇرۇن فامىلە قوللىنىش ئادىتى بولمىغان، فامىلە ئورنىغا ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا دادىسىنىڭ ئىسمىنى ياكى لەقىمىنى قوشۇپ ئاتاش ئادەت بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن، ئاتىكە ئىمىن، ئايىم باتىش، توختى بۇقا، كېرەم توقۇم، نىياز پاتقاق، ساۋۇت بۇرۇت، تۇرسۇن بۇغرا قاتارلىقلار. لەقەم قويۇش قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تارىخىي ئەنئەنە، ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئىز - نىشانلىرىنى ئۆچۈرمەسلىك ئۈچۈن لەقەم قويۇشنى ئادەت قىلغان. ئەجدادلىرىمىزدىكى <لەقەم> غەربلىكلەردىكى <فامىلە> گە ئوخشاش رولغا ئىگە ئىدى. <فامىلە> ئېنگىلىزچىدە ئەسلى <ئائىلە>، <بىر جەمەت>، <بىر قۇۋم> دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، كېينچە ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي شەرتلىك بەلگىسى - ئىسىم ئۇقۇمىنى ئالغان. بىزدە يەنىلا ئۆز ئەنئەنىمىز بويىچە ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمى فامىلە قىلىنىپ كېلىنمەكتە. يىغىنچاقلىغاندا، لەقەم ئەجدادتىن - ئەۋلادقا مىراس، ئەنئەنە بولۇپ كەلمەكتە. <ئاتالمىغان ئەردىن، ئاتالغان دوڭ ياخشى>، <لەقەمسىز ئەر بولماس، ئويماقسىز خوتۇن> دېگەن ماقال ئەنە شۇ ئاساسىدا كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىك ئالاھىدىلىكى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇرلاردا قويۇلىدىغان لەقەملەرنىڭ ئالاھىدىلىكى: لەقەم شۇ لەقەم ئىگىسىنىڭ كوللىېكتىپ ئادەت - ئەنئەنىسى، مىجەز - خۇلقى، ھۆسىن - چىراي ھەتتا فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى، يۇرتى، كەسپى، قاتارلىق نام - ئەھۋالىغا ناھايىتى ماسلاشقانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. مەسىلەن، ئادەت - ئەنئەنىسى بويىچە قويۇلغان لەقەملەر ئۇرۇق - جەمەت تەۋەلىكىنى بىلدۈرىدۇ. <غازلار>، <لايۋاشلار>، <دۆلەر>، <ئاق جىفىللار>، <تورپاقلار>، <توخۇلار>، <بۆرىلەر>، <توقۇناقلار>، <قارا قوشۇنلار>، <جوداقلار> قاتارلىق لەقەملەر شۇنداق لەقەملەردىن. بۇنداق لەقەملەرنىڭ بەزىلىرى يەر جاي نامىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. مىجەز - خۇلق لەقەملىرى: قاسىم تەرسا، كېرەم پاشا، زۇنۇن سەپرا، رەخمەت كۆك )ئوشۇق(، ئۆمەر قاقۋاش، ئاسىم نادان، ياقۇپ قانجىق، قاسىم كالۋا، راخمان پايىز، رەقىپ تۈلككە، موسا كالا، خېۋىر شەيتان، ئىبراھىم تۆگە ۋە باشقىلار. كەسپىي لەقەملەر: بارات بورىچى، بەختى قويچى، ئايشەم سەيپۇڭ، روزى پالۋان، ھاشىم سوپۇنچى، قېيىم ياغچى، ئابدۇل قاسساپ، شۈكۈر ناۋاي، كېرەم كاتىپ، يۈسۈپ خەتچى، ئىمىن سوناي، داۋۇت ئىمام، تالىپ دەرۋىش، يۈسۈپ ئىشان، ئابلا سوپى قاتارلىق دىنىي ۋە خۇراپاتچىلىق كەسپىدىكى لەقەملەرمۇ ئۇچرايدۇ. سىن - تۇرۇق لەقەملىرى: باتۇر قارىلاق، راخمان سېرىق، تۆمۈر پالكۆز، غەيرەت پاناق، تۇران قونچاق، مۇقيىت پۇچۇق، رەھىم قاراقاش، ئېلى كۆككۆز، سېلىم جىرتاق، گايىت پاخشەك، بەكرى كالچۇك، خالىق سەتەڭ ۋە باشقىلار. فىزىئولوگىيىلىك لەقەملەر: يەھيا گاس، روزى ئەلەس، ھەمدۇل خىر - خىر، غوپۇر پاڭ، تۇرغۇن گاچا، سەمەت خىڭ - خىڭ، بايىز توكۇر، ئەخمەت دۈمچەك ۋە باشقىلار. تەقلىدىي لەقەملەر: سادىر پالۋان، ئايۇپ قاۋان، كېرەم بۇقا، سۇتۇق بۇغرا، تۇرسۇن دەريا، ھېمىت دەرۋان ۋە باشقىلار. بۇنىڭدىن باشقا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت - جاي نامى ۋە يۇرت - مەھەللىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا قويۇلغان لەقەملەرمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، مەخمۇت قەشقەرى، ساۋۇت خوتەن، مانناپ تۇرپان، مۇسا سايرامى، مۇللاق ئاتۇشى، غېنى باغراش، ئىلھام بوغدا، قاينام ئۆركەش . . . ؛ بۇ خىلدىكى لەقەملەر ئەدەبىي تەخەللۇس سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلىدۇ؛ <پۇرلا>، <چومچىلار>، <توخۇلار>، <لايۋاشلار>، <توپاقلار> . . . بۇ خىلدىكى لەقەملەر ئادەتتە يۇرت - مەھەللىگە شۇنىڭدەك شۇ يۇرت - مەھەللە ئاھالىسىگە قارىتا قوللىنىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا لەقەم قويۇش ۋە ئۆز ئارا لەقىمى بىلەن ئاتاش ياكى لەقىمىنىلا ئاتاش ھەرگىز ئېغىر ئېلىنمايدۇ. بەلكى بىر خىل يېقىملىق ئىش دەپ قارىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى