UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرىچوڭلارنى ھۆرمەتلەش

چوڭلارنى ھۆرمەتلەش

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى ئىچىدە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ئالاھىدە خاراكتېرلىك. بۇنىڭ ئىپادىلىرى كۆپ تەرەپتە كۆرۈلىدۇ. 1 ) ياشانغان ئادەملەرنى كۆرگەندە ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بېرىدۇ. چوڭلار بولسا «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. سالام ۋە جاۋاب بەجا كەلتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ئىككى قول بىلەن قول ئېلىشىپ تېنىچلىق - ئامانلىق سورىشىدۇ. بۇ ئادەت يالغۇز ئەرلەردىلا ئەمەس، خوتۇن - قىزلاردىمۇ بار. لېكىن ئۇلار ئەرلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەيدۇ. ياشانغان ئاياللار بىر - بىرى بىلەن يۈزىنى - يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ. ياش قىزلار ياكى چوكانلار ئۆزىدىن چوڭ ئەرلەرنى ياكى ئاياللارنى كۆرسە «ئەسسالام» سۆزىنى ئىشلىتىپ، ئازراق ئېگىلىپ تەزىم قىلىدۇ. ياشلارنىڭ ياشانغان ئادەملەرگە «ياخشىمۇ سىز» دەپ قول بىلەن قول ئېلىشپ كۆرۈشۈشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئادىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. 2 ) ياشانغان ئادەملەر ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «دادا، تاغا، ئاكا، ئانا، ھامما، ئاچا» دېگەندەك ھۆرمەت سۆزلىرىنى قوشۇپ چاقىرىش ئەڭ ياخشى ئادىتىمىزدۇر. بىۋاسىتە ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىش تولىمۇ ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. 3 ) تاماق ۋاقتىدا تاماقنىڭ ئالدى چوڭلارغا بېرىلىدۇ. تاماقنىڭ ئالدىنى تالىشىش تولىمۇ ئەدەبسىزلىك بولىدۇ. 4 ) ياشانغان بىر ئادەم ئۆيگە كىرىپ كەلسە، ئۆيدە ئولتۇرغانلار ئورنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئۆز ھۈرمىتىنى بىلدۈرۈش، ئورۇن بوشىتىپ ئۇنىڭغا تۆرنى بېرىشمۇ ئادەتلىرىمىز جۈملىسىگە كىرىدۇ. 5 ) ياشانغان ئادەملەر ئالدىدىن ئۆتۈشمۇ ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئارقىدىن ئۆتۈلىدۇ. ناۋادا ئىلاجىسىز ئالدىدىن ئۆتۈش توغرا كېلىپ قالسا «ئالدىڭىزدىن ئۆتۈپ قويدۇم» دەپ ئەپۇ سورلىدۇ. بىر سورۇندا ئولتۇرغانلار ئىچىدە ياشانغانلارغا ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇش - بۇمۇ ئەيىب ئىشلار ھېسابلىنىدۇ. نائىلاج ئارقىنى قىلىپ ئولتۇرۇشقا توغرا كېلىپ قالغاندا «ئارقام بولۇپ قالىدى» دەپ ئەپۇ سورىلىدۇ. ياشانغان ئادەملەر ئالدىدىن ئات - ئۇلاغ ياكى ۋېلىسپىت مىنىپ سالام - سائەتسىز ئۆتۈشمۇ چوڭلارغا نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. ئات - ئۇلاق، ۋېلىسپىتتىن چۈشۈپ، چوڭلارغا سالام بېرىپ ئۆتۈش - ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ياخشى ئادەتلەر جۈملىسىدۇر. ياشلار بىر يەردە توپلىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئالدىدىن بىرەر ياشانغان ئادەم ئۆتۈپ قالسا، ئولتۇرغانلار ئورۇنلىدىن تۇرۇشۇپ، سالام بېرىپ ھۈرمىتىنى بىلدۈرۈش - بۇمۇ ئۇيغۇرلاردىكى ياخشى ئادەتلەردىندۇ. 6 ) توپلىشىپ بىر ئۆيگە كىرگەندە ياكى يول يۈرگەندە چوڭلارغا يول بېرىدۇ. ئۇلاردىن يول تالىشىش ئەيىب ئىشلاردىن بولۇپ سانىلىدۇ. ئۆيگە ئالدىدا كىرۋېلىش ياكى يولدا چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىش بۇ چوڭلارغا نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. 7 ) ياشانغان ئادەملەر ئالدىدا پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ياكى ئۇزۇن سۇنۇپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك بولىدۇ. 8 ) ياشانغان ئادەملەر بىلەن يۈز تۇرانە تۇرۇپ سۆزلەشكەندە قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ تۇرۇپ ياكى قولنى ئارقىغا قىلىپ تۇرۇپ ياكى پۇتىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ سۆزلىشىش ئىنتايىن ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. شۇنداقلا چوڭلار بىلەن سۆزلەشكەندە قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ سۆزلەشمۇ ئەيىب ئىشلاردىن بولۇپ سانىلىدۇ. 9 ()مگەك( ئۇنى كۆرگەن بىر ياش ئۇنىڭ قولىدىن قورالنى ئېلىپ ئىشلەپ بېرىش ئۇيغۇرلاردىكى ئېسىل ئەخلاقتۇر. 10 ) ئاتا - ئانا، ئۇستاز ياكى ياشانغان ئادەملەر ئالدىدا تاماكا چېكىش ۋە باشقا كەيپنى قىلىش قاتتىق ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. بەزىلەر تاماكاچېكىۋاتقان بولسا، چوڭلارنى كۆرگەن ھامان دەرھال يوشۇرىدۇ، بۇ ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. 11 ) بىر ھۆرمەتلىك ئادەمنىڭ ئالدىغا بىرەر ئىش بىلەن كىرگەندە كىيىم - كېچەكنى راۋۇرۇس كىيىپ كىرىش ياخشى ئادەتلەردىندۇر. چاپاننىڭ تۈگمىلىرىنى ئەتمەي، چاپاننىڭ يېڭىنى ساپماي كىرىش ياكى ئۈست كىيىم كىيمەي مايكىچان كىرىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. 12 ) بىرەر سورۇندا ياكى چوڭ كىشىلەرنىڭ يېنىدا گالنى قاقىرىپ تۈكۈرۈش، مىشقىرىش قاتتىق توغرا كەلسە چەترەك خالىي جايغا ئۆتۈپ باشقىلارغا سەزدۈرمەي ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 13 ) چوڭلار بىلەن سۆھبەتتە بولغاندا، چوڭلارنىڭ سۆزىگە لوقما سېلىش ياكى دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراپ، ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلىشمۇ ئەدەبسىزلىك سانىلىدۇ. (ر)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەتلىرى
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش | UyghurWiki | UyghurWiki