UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-نىكاھ ئادەتلىرىتۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى

تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە - نىكاھ ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى مۇنداق تۆت سېستىمىغا بۆلۈنىدۇ: 1) قانداش تۇغقان بىر ئاتا - ئانىدىن بولغان، ئاتا بىر، ئانا باشقا ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار. 2) يېقىن تۇغقان: ئانا جەمەت تۇغقانلار ۋە بىر ئاتىدىن بولغان ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىلنىڭ پەرزەنتىلىرى ھەم ئانابىر، ئاتا بۆلەك ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار. 3) يىراق تۇغقان: ئاتا جەمەت، ئانا جەمەت سېستىمىسىدىكى غەيرىي قانداش تۇغقانلارنىڭ ئەۋلادلىرى، مۇنداق تۇغقانلار ئادەتتە <شىرەم تۇغقان> دەپ ئاتىلىدۇ. 4) قۇدا تۇغقان: پەرزەنتلىرىنىڭ قېيىن ئاتا، قېيىن ئانا ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى. ئادەتتە يۇقىرىقى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى <تۇغقان> دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-نىكاھ ئادەتلىرى