UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشقۇلاق ئاقمىسى

قۇلاق ئاقمىسى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش، قۇلاققا سۇ ياكى يات ماددا كىرىپ كېتىش، قۇلاق ئاغرىقى ياكى قۇلاق ياللۇغىنىڭ ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: ئۆتكۈر ھالەتتە بولغاندا ئومۇمىي بەدەن قىزىش، ھالسىزلىق، قۇلاققا قوشۇلۇپ باشمۇ ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، قۇلاقتىن سېرىق سۇ ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن، ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىلمىسا سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىپ، قۇلاقتىن سېسىق پۇرايدىغان يىرىڭ ئېقىش، بەزىدە قۇلاق ئىششىپ قېلىش، قۇلاق چىڭقىلىپ ئاغرىش، ئاڭلاش كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئۆت سۇيۇقلۇقى، %50 لىك ئىسپىرت 500 گرامدىن، سامساق 250 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 سامساقنى تازىلاپ، سۇيۇق دورىلارغا چىلاپ مەلۇم ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 كۇندۇر، خۇنسىياۋشان، مەدەستان 10 گرامدىن، كۈدە سۈيى 15 مىللىلىتىر، سىركە 30 مىللىلىتىر. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 كۈدە سۈيى ۋە سىركىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈدە سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە سىركىنى قۇيۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم قۇلاققا سۈركىلىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 پىياز سۈيى 100 گرام، سىركە 50 گرام، سوقۇلغان ئەنزىرۇت 10 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا بەش مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە 1 ~ 2 قېىتم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش