UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشسەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى

سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ھەرخىل قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار ۋە ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: باش ئېچىشىپ، سانجىلىپ ۋە زىڭىلداپ ئاغرىش؛ ئاغرىق كۆپىنچە ئالدى تەرەپتە بولۇش؛ چىرايى سارغۇچ، بەدىنى ئورۇق، ئاغزى ئاچچىق، ئۇسسۇزلۇقى كۆپ، ئۇيقۇسى ئاز، ئېغىز، بۇرنى قۇرۇق بولۇش؛ نەرسىلەر كۆزىگە سېرىق كۆرۈنۈش؛ ئولتۇرۇپ - قوپۇشى تېز، ھەرىكىتى قالايمىقان، روھىي ھالىتى تۇراقسىز، ئاچچىقى يامان؛ سۈيدۈكى قىزىلغا مايىل سارغۇچ كېلىش؛ تىلىنى سېرىق گەز باغلاش؛ تومۇرى ئىتتىك، ئىنچىكە، كۈچلۈك سوقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سىركە بىر كىلوگرام، شېكەر ئىككى كىلوگرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 سىركە بىلەن شېكەرنى بىرگە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن ئىچىلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قىزىلگۈل 250 گرام، ئاقلانغان ئامىلە 70 گرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گرام، مۇدەببەر قىلىنغان خۇبسىلھەدىد 20 گرام، سىماق 15 گرام، پىستە پوستى، ئاپېلسىن پوستى، مەستىكى، نارمىشىك، ئوغرىتىكەن، دارچىن، قىزىل سەندەل، ئاق سەندەل، قىرقىلغان پىلە، گاۋزىبان گۈلى ھەر بىرى 10 گرامدىن، قەنت ئىككى كىلوگرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 خۇبسىلھەدىدنى مۇدەببەر قىلىپ، باشقا دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، خۇبسىلھەدىدنى سوقۇپ، 10 كۈن سىركىگە چىلاپ، سىركىنى كۈندە ئالماشتۇرۇپ، كېيىن سوغۇق سۇدا 15 قېتىم يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ، قەنتنى قىيام قىلىپ، ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ). 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 كەھرىۋا، تاباشىر، قىزىلگۈل، گاۋزىبان، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 15 گرامدىن، كەتىرا، بىخ مارجان، مەرۋايىت، ئاق سەندەل، قىرقىلغان پىلە غوزىسى توققۇز گرامدىن، ئامىلە مۇقەششەر 21 گرام، دارچىن ئۈچ گرام، زەپەر 5.1 گرام، ئىپار ئۈچ گرام، قەنت ئىككى ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قەنتنى گۇلاب بىلەن قىيام قىلىپ، قىيامىغا يۇمشاق سوقۇلغان ئىپار ۋە باشقا دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گرامدىن دورىنى 30 مىللىلىتىر ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى | UyghurWiki | UyghurWiki