مەقئەت يېرىلىش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، مەقئەت ئەتراپى جىددىي ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
مەقئەت ئەتراپى ئېرىقچە شەكىلدە يېرىلىش، قىزىرىپ ئىششىش، تەرەت قىلغاندا ئاغرىش، قاناش، ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىق ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى، بەلىلە، سەرپىستان، ئەينۇلا 30 گرامدىن، قارا ھېلىلە، تەرەنجىبىن 20 گرامدىن، بىنەپشە، نېلۇپەر، كاسىنە ئۇرۇقى، شاھتەررە، سانا 50 گرامدىن، تەمرى ھىندى، بادام مېغىزى، خىيارشەنبەر 10 گرامدىن، سۇ 800 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇغا سېلىپ، 500 گرام سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زۇپا، مەدەستان، نىشاستە، مامرانچىنى، ئاق لەيلى، موزىلار تەڭ مىقداردا، گۈل يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، گۈل يېغىدا مەلھەم قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زۇپا، مەدەستان، كەھرىۋا، موزا، كۆپۈكى دەريا، چۆپچىنى تەڭ مىقداردا، گۈل يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، گۈل يېغىدا مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، مەقئەتنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن چېپىلىدۇ.