UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشبوۋاسىر

بوۋاسىر

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، مەقئەتكە ئېغىر بېسىم چۈشۈش، مەقئەت يولىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: ئۇ ئىچكى بوۋاسىر ۋە تاشقى بوۋاسىر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، تاشقى بوۋاسىردا ھەرخىل شەكىلدىكى مونەكچە گۆش ئۆسۈكچىلىرى بولۇش بىلەن بىللە، ئىچكى - تاشقى بوۋاسىرلار مەقئەت قىچىشىش، ئاغرىش، تۇتقاندا مونەكچە مەلۇم بولۇش، تەرەت بىلەن قان كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قىزىل بۇغداش يىلتىزى 50 گرام، قىزىل بۇغداش ئۇرۇقى 35 گرام، كۈدە، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى پاكىز يۇيۇپ، سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە بىر پىيالە كۈدىنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيىنى قېتىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قەلدىن 50 گرام، كۇندۇر، سەبرە، قارا ھېلىلە، سانار 25 گرامدىن، ئامىلە بەلىلە 20 گرامدىن، كۈدە مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 كۈدىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈدىنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئانار پوستى 30 گرام، بىخ مارجان 50 گرام، زاراڭزا چېچىكى 30 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم مەقئەت سىرتتىن يۇيۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش