قۇلاق ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى ياكى يۇقۇملىنىش، چاقا - مۇدۇرلارنىڭ چىقىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
قۇلاق چىڭقىلىپ قادىلىپ باش قوشۇلۇپ ئاغرىش، ئېغىرلىق سېزىلىش، ئىششىش، ئاغرىش ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىندۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قاراكۆز بەدىيان ئۇرۇقى، بابۇنە، زىغىر 30 گرامدىن، كۈنجۈت يېغى 100 گرام، ئاق موم 50 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
موم ۋە كۈنجۈت يېغىدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ كۈنجۈت يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە مونى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاق ئەتراپىغا چېپىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سۇزاپ سۈيى 420 گرام، قىزىل قىچا، ئاق قىچا، ئاقىرقەرھا ئۈچ گرامدىن، كۈنجۈت يېغى، زەيتۇن يېغى 270 گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇزاپ سۈيىگە چىلاپ، كۈنجۈت ۋە زەيتۇن ياغلىرىنى قۇيۇپ، سۈيى پارغا ئايلىنىپ بولغۇچە قاينىتىپ رەۋغەن تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
پىياز سۈيى 100 گرام، سىركە 50 گرام، سوقۇلغان ئەنزىرۇت 10 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا بەش مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.