UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشقەۋزىيەت

قەۋزىيەت

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ۋە ئىچكى ئەزالار ئامىللىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، ئىككى - ئۈچ كۈنگىچە تەرەت كەلمەسلىك ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سانا ئۈچ گرام، تەرەنجىبىن ئۈچ گرام، سۇ، بادام يېغى مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۇغا سېلىپ تەمىنى چىقىرىپ، ئۈستىگە بادام يېغىنى تېمىتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 چىلغوزا مېغىزى 25 گرام، ياڭاق مېغىزى 20 گرام، كۈنجۈت ئۈچ گرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 رەۋەن 15 گرام، غارىقۇن توققۇز گرام، تۇربۇت 60 گرام، يۇمىلاق زىراۋەندە 18 گرام، مۇقەل 15 گرام، رۇمبەدىيان 5.9 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ قىلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ناشتىدا 7 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
قەۋزىيەت | UyghurWiki | UyghurWiki