UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشسۆزنەك

سۆزنەك

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، جىنسىي ئەزالار ئارقىلىق سۆزنەك باكتېرىيىسىنىڭ بىرىكىشىدىن يەنە بىر كىشىگە يۇقۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: بەل ئاغرىش، توڭۇپ تىترەش، ماغدۇرسىزلىنىش، سىيگەندە ئېچىشىپ ئاغرىش، جىنسىي يولدىن يىرىڭ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، گىلى ئەرمەنى، ئەرەب يېلىمى، كۇندۇر، خۇنسىياۋشان، ئاق كۆكنار ئۇرۇقى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى، كەتىرا، نىشاستە، كاكىنەچ ئۇرۇقى 100 گرامدىن، چىڭسەي ئۇرۇقى 20 گرام، ئەپيۈن 10 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بىنەپشە شەربىتى بىلەن بىر گرامدىن تابلېتكا قىلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، بادام مېغىزى، ھەببە تۇلخۇزرا مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، ھەببى زەلەم مېغىزى، ماھى روبيان، خولىنجان، شاقاقۇل، قىزىل بەھمەن، ئاق بەھمەن، سېرىق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زەنجىۋىل، كۈنجۈت مۇقەششەر، دارچىن 15 گرامدىن، سۇمبۇل، سۆئدى كۇپى، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، ھەببى قەلقەل ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، ھەلىيۇن ئۇرۇقى، ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، دۇرۇنەج ئەقرەبى، زورەنبات توققۇز گرامدىن، جويۇز، بەسباسە، داۋالە، پىلپىل ئالتە گرامدىن، سۆئلەپ، يېڭى نارجىل، قۇشقاچ مېڭىسى، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ يېغى 30 گرامدىن، قۇرۇتۇلغان بۇقا ئالىتى، سۆرۈنجان، بوزىدان، پىننە، زەپەر، مەستىكى 12 گرامدىن، ئۇدخام سەككىز گرام، تىللا ۋاراق 30 تال، كۈمۈش ۋاراق 50 تال، ئەنبەر تۆت گرام، ئىپار ئىككى گرام، ھەسەل 136 گرام، مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان، ھېقىق يەمەن، قىزىل ياقۇت 16 گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 مېغىز دورىلاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مەرۋايىت، مارجان، ئەنبەر، كەھرىۋا، زەپەر، ھېقىق، ياقۇت دورىلارنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 تازىلانغان گۈڭگۈرت، چۆپچىنى، نۆشۈدۈر، ئاقىرقەرھا تۆت گرامدىن، سەمغى ئەرەبى ئىككى گرام، شېكەر 10 گرام، لىمون سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش