كۆزگە سۇ چۈشۈش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كۆز گۆھىرىنىڭ تۇغما ناچارلىقى، ئىرسىيەت ئامىلى، تۇغۇلۇشىدىلا كېسەل تۇغۇلۇش، قېرىغاندا كۆز ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ ناچارلىشىشى، كۆزنىڭ زەخىملىنىشى، كۆز ئىچىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كۆزنىڭ شەكلى ئۆزگەرمىسىمۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تەدرىجىي ئاجىزلىشىش، تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا كۆز قارىچۇقىنىڭ ئىچى ئاقۇش كۈل رەڭگە كىرىپ قېلىش، شۇنىڭ بىلەن كۆرۈش كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، كۆرۈش تامامەن يوقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئېگىر، ئايارەج پەيقىرا، سەئتەر، ھىڭ، زەنجىۋىل 30 گرامدىن، ھەسەل 500 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى بەدىيان سۈيى بىلەن قىيام، قىلىپ سوۋۇغاندىن كېيىن سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
تاجىگۈل ئۇرۇقى، ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقى، جۇخار گۈلى 10 گرامدىن، جىنتىيانا ئۈچ گرام، سۇ 600 مىللىلىتىر.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا ئېلىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا دورىنىڭ تۆتتىن بىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كابۇل ھېلىلىسى پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، بەلىلە پوستى، ئامىلە پوستى 40 گرامدىن، ئاقلىغان بادام مېغىزى 100 گرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 200 گرام، شېكەر بىر كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.