نېرۋا ئۇچى ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش، زەھەرلىنىش، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى، ئىرسىيەت ۋە سەۋدا ماددىسىنىڭ غەيرىي نورماللىقى قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
قول ۋە پۇت بارماقلىرىنىڭ سېزىمى يوقىلىش ياكى ئاجىزلىشىش، بەزىلىرىدە سېزىمى ئېشىپ كېتىش، ئاغرىش، قولىشىش، ئېغىرلاشقاندا مۇسكۇللار ئاغرىش ۋە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئاخىرىدا يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
پىلە غوزىسى 500 گرام، خولىنجان، مەستىكى، ئېگىر 30 گرامدىن، زەپەر 10 گرام، شېكەر ئۈچ كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
درىلارنى تازىلاپ، ئۈچ كۈن سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئاندىن قاينىتىپ، دورىلارنىڭ تەمى چىقىپ بولغاندىن كېيىن پىلە غوزىسىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، شېكەر سېلىپ سۇس ئوتتا قىيام قىلىپ، دورا سەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زورەنبات، دۇرۇنەج ئەقرەبى، مەرۋايىت، كەھرىۋا، بىخ مارجان 40 گرامدىن، قىرقىلغان پىلە، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، سازەج ھىندى، سۇمبۇل، قاقىلە، قەلەمپۇر 20 گرامدىن، ئۆشنە، پىلپىل، زەنجىۋىل 16 گرامدىن، ئىپار سەككىز گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، پىلە غوزىسىنى يۇمشاق قىرقىپ، ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كابۇل ھېلىلىسى، ئامىلە، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە 30 گرامدىن، ئاق تۇربۇت، بىستىپايەج، سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇس 15 گرامدىن، غارىقۇن توققۇز گرام، نارمىشىك، سۇمبۇل، لاچىندانە، مەستىكى، گاۋزىبان، ئاپېلسىن پوستى، رەۋەن، زەپەر ئۈچ گرامدىن، قىزىلگۈل، رۇببىسۇس 15 گرامدىن، ھەسەل 729 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.