UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆپكىدە يۈز بەرگەن ئۇزاق مۇددەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كۆپىنچە چوڭ ياشلىق كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ، يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 لاچىندانە، قاقىلە، بەسباسە، دارچىن يەتتە گرامدىن، زەنجىۋىل، پىلپىل تۆت گرامدىن، تاباشىر، سازەج ھىندى، ئاپېلسىن پوستى ئىككى گرامدىن، مەستىكى، ئەنبەر، زەپەر ئۈچ گرامدىن، جويۇز سەككىز گرام، ئىپار ئىككى گرام، مەرۋايىت ئۈچ گرام، ھەسەل 200 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 تېشىلمىگەن مەرۋايىت، ئەرىقى گۇلاب، ئەرىقى گاۋزىبان 10 گرامدىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، كاسىنە گۈلى، پەرەنجىمىشكى، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇ ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گرامدىن، قىرقىلغان پىلە 10 گرام، ئىپار، ئەنبەر بىر گرامدىن، ئالما شەربىتى 100 مىللىلىتىر، ئامىلە مۇرابباسى، ناۋات 200 گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 مەرۋايىتنى گۇلاب ياكى ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن سالايە قىلىپ يۇمشىتىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى گۇلاب بىلەن قىيام قىلىپ، ئاندىن شەربەت، مۇراببارلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، باشقا دورىلارنى سېلىپ خېمىر قىلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قىزىلگۈل بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 قىزىلگۈلنى تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن 50 گرامغىچە ئىچىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش