UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشيېرىم باش ئاغرىش (شەقىقە)

يېرىم باش ئاغرىش (شەقىقە)

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، پۈتۈن بەدەندىكى ياكى قىسمەن ئەزادىن ئۆرلەپ چىققان بۇسلار باشنىڭ قايسى تەرىپى ئاجىز بولسا، شۇ تەرىپىدە ئورۇن ئېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، چېكە شىريان تومۇرلىرى لوقۇلداپ سېلىش، قول بىلەن تومۇرنى بېسىۋالسا ئاغرىقى بىر ئاز پەسەيگەندەك بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 گاۋزىبان ھىندى، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تازىلانغان پىلە غوزىسى، بالەنگۇ ئۇرۇقى، ئاق بەھمەن، سەندەل، پەرەنجىمىشكى 30 گرامدىن، مەرۋايىت، ئىپار 5.2 گرامدىن، ئەنبەر بەش گرام، ناۋات 1200 گرام، سۇ 10 ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى سۈيىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە 5.1 ھەسسە ناۋات سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ. قىيام سوۋۇپ ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە ئۈستىگە ئىپار، ئەنبەر، مەرۋايىتلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 كابۇل ھېلىلىسى، ئامىلە، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە 30 گرامدىن، ئاق تۇربۇت، بىستىپايەج، سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇس 15 گرامدىن، غارىقۇن توققۇز گرام، نارمىشىك، سۇمبۇل، لاچىندانە، مەستىكى، گاۋزىبان، ئاپېلسىن پوستى، رەۋەن، زەپەر ئۈچ گرامدىن، قىزىلگۈل، رۇببىسۇس 15 گرامدىن، ھەسەل 750 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلانى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئامىلە مۇقەششەر، بەلىلە پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن، پوستى ئاقلانغان بادام مېغىزى 40 گرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 75 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش