UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشمەقئەت قىچىشىش

مەقئەت قىچىشىش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سوڭ ئەتراپىغا ئۆتكۈر خىلىتلارنىڭ تەسىر قىلىشى، ھەرخىل روھىي ئامىللار ۋە مەددە سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: تېرە زېدىلىنىش، يىرىكلىشىش، بەزىدە تەمرەتكە ھاسىل بولۇش، قىچىشىپ بىئارام قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 گۈل يېغى 12 گرام، تۇخۇم بىر تال، يۇمغاقسۇتنىڭ سىقىلغان سۈيى 30 مىللىلىتىر، كۆكنار ئۇرۇقى 10 گرام، سەمغى ئەرەبى، نىشاستە ئۈچ گرامدىن، گۈڭگۈرت ئىككى گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، يۇمغاقسۈت سۈيىگە سېلىپ، گۈل يېغى بىلەن ياغلاپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سېرىق ھېلىلە، ئەنگۈر شىپا، خەشخاش، شاھتەررە 15 گرامدىن، ئۆشبە، چۆچچىنى بەش گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم مەقئەت سىرتتىن يۇيۇلىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 چىلان 20 گرام، سەرپىستان، شاھتەررە 15 گرامدىن، گاۋزىبان ھىندى، پىرسىياۋشان، ئۈستقۇددۇس، بادرەنجى بۇ، بىخسۇس مۇقەششەر 10 گرامدىن، بەدىيان ئالتە گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 چىلاننى سۇدا قاينىتىپ تەمىنى چىقىرىپ، ئۈستىگە باشقا دورىلارنى سېلىپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
مەقئەت قىچىشىش | UyghurWiki | UyghurWiki