بادامسىمانبەز ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، زىيادە چارچاش، بەدەن ئاجىزلىشىش، سوغۇققا چېلىقىش، زۇكام بولۇش ۋە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
گال ئاغرىپ، تاماق قىزىرىپ ئىششىپ، يۇتۇش قىيىنلىشىش، بەدەن ھارارىتى ئۆرلەپ، جۇغ - جۇغ بولۇپ تىترەش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، بولجۇڭ گۆشلەر ۋە بوغۇملار ئاغرىش، بادامسىمانبەزلەر چوڭىيىش، قىزىرىش، ئىششىش، بادامسىمانبەزلەر يۈزىدە يىرىڭلىق توچكىلار كۆرۈلۈش، باش ئاغرىش، قىزىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
گۈلى بىنەپشە 12 گرام، ئەنگۈرشىپا، كاسىنە ئۇرۇقى 10 گرامدىن، تەمرى ھىندى 30 گرام، خىيارشەنبەر 45 گرام، ئەرىقى كاسىنە 500 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى ئەرىقى كاسىنىگە چىلاپ، بىر سوتكا تۇرغۇزۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 ~ 100 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
گۈلى بىنەپشە، نېلۇپەر، گاۋزىبان، يۇمغاقسۈت، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، بېھى ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، تەمرى ھىندى، كاكىنەچ 10 گرامدىن، چىلان، شاتۇت قېقى 20 گرامدىن، زىغىر، ئەنگۈرشىپا 15 گرامدىن، ئىسپىغۇل 12 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى چالا سوقۇپ، دورىلىق چاي تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئاقىرقەرھا 15 گرام، زۇپا، قۇرۇق ئۈزۈم 10 گرامدىن، بىخ سەۋسەن 51 گرام، كاكىنەچتىن 50 گرام، سۇ بىر لىتىر.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 5 ~ 6 قېتىم غار ـ غار قىلىنىدۇ.