زۇكام ۋە نەزلە
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، مېڭىدە ئارتۇقچە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ، بۇ خىل سۇيۇقلۇق بۇرۇن ئارقىلىق كەلسە زۇكام، كاناي ئارقىلىق كەلسە نەزلە دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسسىق ياكى سوغۇقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشىدىن، قان، سەپرا، ۋە سەۋدا خىسلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
باش ئاغرىش، بۇرۇن قىچىشىش، ئېچىشىش، چۈشكۈرۈش، بۇرۇن پۈتۈش بۇرۇندىن سۇيۇقلۇق ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئاق خەشخاش ئۇرۇقى 120 گرام، بەزرۇلبەنجى، پوستى خەشخاش (كۆكنار غوزىسى) ھەر بىرى 100 گرامدىن، قارا سونا ئۇرۇقى 60 گرام، گاۋزىبان گۈلى، ھەببۇلئاس، قۇرۇق يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ھەر بىرى 30 گرامدىن، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، نىشاستە، رۇببىسۇس، قىزىلگۈل، ئۈستقۇددۇس ھەر بىرى 15 گرامدىن، شېكەر بىر كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
قىزىلگۈل، رۇببىسۇس، نىشاستە، سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى سوقۇپ تالقانلاپ، قالغان دورىلارنى بىر كېچە سۇغا چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ سۈزۈپ، ئۇنىڭغا يۇقىرىقى دورا تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
چىلان، مارجان شوخلا ھەر بىرى 100 گرامدىن، سەرپىستان 30 گرام، پىرسىياۋشان، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، زۇپا 20 گرامدىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى 15 گرامدىن، گۈلبىنەپشە 25 گرام، قەنت 500 گرام، سۇ ئۈچ لىتىر.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ئۇرۇق دورىلارنى چالا سوقۇپ، قالغان دورىلار بىلەن بىللە سۇغا بىر كېچە چىلىغاندىن كېيىن يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈزۈپ قەنت سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىر ئىچىلىدۇ (بالىلارغا مىقدارى ئازايتىلىدۇ).
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سانا 30 گرام، چىلان 20 تال، ئەنجۈر 10 تال، پىرسىياۋشان، زۇپا 12 گرامدىن، تاغ پىيىزى توققۇز گرام، بەدىيان يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، ئارپىبەدىيان، رۇم بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا، قىزىلگۈل، زىرە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى ھەر بىرى ئالتە گرامدىن، قەنت 500 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلىغاندىن كېيىن ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ، قەنت سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.