نېرۋا ئاجىزلىق
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە ياشلاردا ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا جىددىي خىزمەت، تۇرمۇشتىكى غەم - ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن مېڭىدە سەۋدا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان ئەسەبلەر خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئۇيقۇ قېچىش، ئەسەبلەر قالايمىقانلىشىش، قالايمىقان چۈش كۆرۈش، ئۇنتۇغاقلىق، ئاسان تېرىكىش، يۈرىكى سىقىلىش، گۇمانخورلۇق، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، ھەيز قالايمىقانلىشىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، ئېرىنچەكلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
گاۋزىبان ھىندى، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تازىلانغان پىلە غوزىسى، بالەنگۇ ئۇرۇقى، ئاق بەھمەن، سەندەل، پەرەنجىمىشكى 30 گرامدىن، مەرۋايىت، ئىپار 5.2 گرامدىن، ئەنبەر بەش گرام، ناۋات 1200 گرام، سۇ 10 ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى سۈيىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىگە 5.1 ھەسسە ناۋات سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ. قىيام سوۋۇپ ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە ئۈستىگە ئىپار، ئەنبەر، مەرۋايىتلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
شاھتەررە، بادرەنجى بۇ، گۈلى گاۋزىبان، 30 گرامدىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن 15 گرامدىن، يۇيۇلمىغان جۇۋەرد، تاباشىر، گىل مەختۇم، زەپەر، دۇرۇنجى ئەقرەب، زەرنەپ، كاۋاۋىچىن توققۇز گرامدىن، كابۇل ھېلىلىسى، قىرقىلغان پىلە، ئاق سەندەل، پىستە پوستى، لاچىندانە ئۇرۇقى، ئالتۇن ۋاراق، كۈمۈش ۋاراق، قىزىل ياقۇت ئالتە گرامدىن، مارجان، مەرۋايىت، كەھرىۋا ئۈچ گرامدىن، ئۇد ئىككى گرام، ئاق شېكەر 500 گرام، بېھى سۈيى، گۇلاب، ئاچچىق ئانار سۈيى، ئاچچىق ئاپېلسىن سۈيى، زىرىق سۇيى، رەۋەن شەربىتى 70 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
شېكەرنى مېۋە سۈيىدە قىيام قىلىپ، دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قۇرۇق بادرەنجى بۇيىنى 50 گرام، ئاق شېكەر 500 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
بادرەنجى بۇيىنى چۆكۈشكۈدەك سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، شېكەر سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.