يۇتقۇنچاق ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، زىيادە ھېرىپ - چارچاش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش، خىمىيىلىك ماددىلار ۋە ئىسپىرت قاتارلىقلاردىن زەھەرلىنىش، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش، تاماكا چېكىش، سوغۇق يەللىك كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى، چاڭ - توزان، زۇكام ۋە نەزلىنىڭ تەسىرى، يۇتقۇنچاقنىڭ مىجەزى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كۆپىنچە گال قۇرۇش، كۆيگەندەك ئاغرىش، ئېچىشىش، قىچىشىش، بىئاراملىق، يات نەرسە تۇرۇۋالغاندەك سېزىلىش، تولا گالنى قېقىشقا مەجبۇر بولۇش، گالدىن چىقىدىغان ئاجرالمىلار تەستە چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئانار گۈلى 12 گرام، كۆكنار تۆت دانە، يۇمغاقسۈت ئالتە گرام، قۇرۇتۇلغان ئەنگۈر شىپا تۆت گرام، سۇ 300 مىللىلىتىر.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 4 ~ 5 قېتىم گال غار - غار قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
يىلان، قىزىل قولتۇق پاقا، بىخ مارجان، موزا، چۆپچىنى 30 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
مۇدەببەر كۇچۇلا 100 گرام، يىلان گۆشى 360 گرام، قىزىل سىر 60 گرام، چايان 20 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.