UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشكۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى

كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، زۇكام، مېڭە كېسەللىكلىرى، قېرىلىق، بەدەن ئاجىزلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھەزىم ناچارلىشىش، قەنت سىيىش كېسەللىكى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كۆز ئۇدۇلىدا پاشا - كۇمۇتىلار ئۇچقاندەك بىلىنىش، كۆز جىيەكلىرى قىزىرىش، كۆزدىن ياش كەلمەي قۇرۇپ تۇرۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، ئامىلە، قىزىلگۈل 5.7 گرامدىن، ئارپىبەدىيان 55 گرام، ھەسەل 290 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 گرام دورا 100 مىللىتىر ئەرىقى بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئېگىر، ئايارەج پەيقىرا، ئارپىبەدىيان، سەئتەر، ھىڭ، زەنجىۋىل 28 گرامدىن، ھەسەل 500 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئاقلانغان ئېگىر 1000 گرام، ھەسەل ئىككى كىلوگرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 ئېگىرنى قاينىتىلغان سۇغا سېلىپ، يۇمشىغاندىن كېيىن مۇجۇپ، ھەسەلنى قوشۇپ قىيام تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش