ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كۈچلۈك كۈن نۇرى ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق شارائىتتا ئۇزاق مۇددەت مەشغۇلات قىلىش، ئىچكەن سۇيۇقلۇقى ئاز بولۇش، ئىچى سۈرۈپ ياكى قاتتىق تەرلەپ سۇ يوقىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
تەرلەش، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، بەزىلەردە ئىچى سۈرۈپ كېتىش، ئۇسساش، باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىپ، يۈز تېرىسى قارىداپ، تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ قىزىتىش، قاتتىق بىئارام بولۇش، سۈيدۈك يوقىلىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، بەزىدە ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قىزىل لەيلىگۈل 30 گرام، گۈلى بىنەپشە 50 گرام، نېلۇپەر 20 گرام، لىمون ئۈچ گرام، سۇ بىر لىتىر.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىگە لىموننى سېلىپ ئېرىتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىچىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قىزىلگۈل، ھەمىشىباھار، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى، ئەنگۈر شىپا تېنى، ئاق لەيلى، ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقى، تەرەنجىبىن 20 گرامدىن، سېرىق ھېلىلە، قارىئۆرۈك 21 گرامدىن. سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇدا نەمدە تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 50 گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 30 گرام، سىركە 5.0 لىتىر، ئاق شېكەر بىر كىلوگرام، سۇ تۆت كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 5 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.