UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشبۆرەك ياللۇغى

بۆرەك ياللۇغى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەن ياكى بۆرەك ساھەسىگە سوغۇق ئۆتۈش ياكى باشقا قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ قاننى يۇقۇملاندۇرۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما قاتارلىق ئىككى خىل بولىدۇ. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى جىددىي باشلىنىپ، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، رەڭگى قېنىقلىشىش، يۈز، كۆز ۋە قاپاقلار ئىششىش، ئېغىرلاشقاندا پۇت ۋە ئومۇمىي بەدەن ئىششىش، بەل ئاغرىش، قان بېسىمى ئۆرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن؛ سۇزۇلما ھالەتكە ئۆزگەرگەندە بولسا، ئۇزاققا داۋاملاشقان بەل ئاغرىقى، پۈتۈن بەدەن ئىششىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، سول يۈرەك قېرىنچىسى زورىيىش، سۈيدۈكتە ئاقسىل ۋە يوشۇرۇن قان بولۇش، ئېغىرلىرىدا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 پۇرچاق مېيى 100 گرام، باش سامساق بىر تال، چىلان 15 تال، خاسىڭ مېغىزى ئون تال، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 پۇرچاق مېيىنى چۈچۈتۈپ، پىيازنى چاناپ، چىلان، خاسىڭ مېغىزى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىگە سۇنى قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىچىلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 تاتلىق بادام مېغىزى، كراخمال (نىشاستە)، شېكەر تەڭ مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۇفۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 پانۇسگۈل گۈلى، گىلمەختۇم، گىل ئەرمىندىن ئالتە گرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن بۇغا مۈڭگۈزى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، قورۇلغان مەرۋايىت ئىككى گرامدىن، بۇغداي كراخمىلى 10 گرام، كاكنەچ، ئۈزۈم غوزىسى، ئەپتىمۇن ئالتە گرامدىن، بادام مېغىزى 15 گرام، رەۋەن تۆت گرام، يەر باغرىئوتى، قوغۇن ئۇرۇقى 10 گرامدىن، كۆكنار ئۇرۇقى ئالتە گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش