UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشبەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقى

بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سوغۇق ھەم ھۆللۈكى ئارتۇق تاماقلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت يېيىش، جىسمانىي ھەرىكەت قىلماسلىق، يېگەن تاماق سىڭمەيلا سۇغا چۈشۈش، مۇنچىغا كىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: باش قاتتىق ئاغرىش، باش ئېغىر بولۇش، كۆزگە بىر نەرسە قادالغاندەك تېلىپ ئاغرىش، بەدىنى ئاجىز، ئۆزى ھۇرۇن، ئۇيقۇسى كۆپ، ئۇنتۇغاق بولۇش؛ باشنى تۇتۇپ كۆرگەندە سوغۇق بىلىنىش، ئېغىز ۋە بۇرۇندىن شالۋاق كۆپ ئېقىش، سوغۇق ھاۋا ۋە نەرسىلەرنى خالىماسلىق، ئىسسىق نەرسىلەردىن راھەتلىنىش، تومۇرى توم، ئاستا، كۈچسىز سوقۇش، سۈيدۈكى ئاق ۋە قويۇق كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سۇمبۇل، دارچىن، مەستىكى رۇمى، ھەب بىلسان، ئۇدبىلسان، سەلىخە، ئاسارۇن، زەپەر 10 گرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 80 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 ھەركۈنى كەچتە قورساق توق ۋاقىتتا 7 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (ھامىلىدارلار، ھەيز كۆرۈۋاتقان ئاياللار، بوۋاسىر، ئاشقازان - ئۈچەي جاراھىتى، ئۈچەي تولغىشىپ قالغانلار ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ) 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سۇمبۇل، مەستىكى، زەپەر، تاباشىر، دارچىن، ئىزخىر، ئاسارۇن، قۇستە شېرىن، غاپەس ئوسارىسى، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئوردان، يۇيۇلغان لوك، كاسىنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئۇزۇنچاق زىراۋەندە، ھەببى بىلسان، قەلەمپۇر، لاچىندانە، ئۇد ھىندى 30 گرامدىن، ئېقى كېسىۋېتىلگەن قىزىلگۈل 600 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن 30 گرام ئەرىقى بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئىتياڭىقى 40 گرام، رەۋەن 30 گرام، زەنجىۋىل، سەمغى ئەرەبى 12 گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا ئازايتىشى كېرەك).
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش