پالەچ
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئورگانىزملاردىكى خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، توسالغۇ پەيدا بولۇش، سىرتقى زەخىم، قاتتىق سوغۇق ئۆتۈش، مېڭە ئەسەبلىرىگە زەرەر يېتىش ياكى ئەسەبلەرنىڭ سېزىش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى يوقىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئومۇمىي بەدەننىڭ توغرىسىغا ياكى ئۇزۇنىسىغا دەل يېرىمىنىڭ ياكى بىرەر ئەزانىڭ سېزىمى ۋە ھەرىكەت قابىلىيىتى يوقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قەلەمپۇر 300 گرام، تۇز 25 گرام، سۇ 1700 مىللىلىتىر.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
قەلەمپۇرنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بىرلا قايناتقاندىن كېيىن تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئاقلانغان سامساق 280 گرام، ئاق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زىرە، خولىنجان، دارچىن 30 گرامدىن، پىلپىل 15 گرام، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، جويۇز، ئاقىرقەرھا 10 گرامدىن، زەپەر ئۈچ گرام، سېرىقماي 30 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە، سۈت مۇۋاپىق مىقداردا، نوقۇت 500 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
نوقۇتنى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سىقىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ، توغرالغان سامساقنى سېلىپ يۇمشاق پىشۇرۇپ، ئاندىن كالا سۈتى قۇيۇپ، سۇس ئوتتا سۈت تۈگىگۈچە قاينىتىپ، ئۈستىدىن سېرىقماينى قۇيۇپ يەنە ئۆزلىشىپ بولغانغا قەدەر قاينىتىپ، كېيىن مىس قازان ئىچىدە سالايە قىلىنىدۇ. دورىلار خېمىردەك ئۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ھەسەلنى قۇيۇپ يەنە قاينىتىپ، ھەسەل ئۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن باشقا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ(ياشلار ۋە ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ئېھتىيات قىلىشى كېرەك).
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ھەسەل بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى【
ھەسەلنى سۇ بىلەن تۆتتىن بىرى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە تۆت قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 150 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.