UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشقىزىل تۇمشۇق كېسەللىكى

قىزىل تۇمشۇق كېسەللىكى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۇزۇق خىلىتلاردىن ھاسىل بولغان، يەلنىڭ بۇرۇنغا ئولتۇرۇشۇپ بۇرۇن تېرىسى غىدىقلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: بۇرۇن قىزىرىپ ئۇششاق مۇدۇرلار ئۆرلەپ چىقىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، سەرپىستان، ئامىلە، سېرىق ئوت، قارا ھېلىلە 20 گرامدىن، ئۈستقۇددۇس 15 گرام، چىلان 20 دانە، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 150 گرامدىن ئىچىلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 كىبرىت 20 گرام، قوي يېغى 60 گرام، قىچا يېغى 20 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 قىچا بىلەن كىبرىتنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە 3 ~ 4 قېتىم سىرتىدىن ياغلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سىماب، پىستە مېغىزى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، ھۆل خېنە تېنى توققۇز گرامدىن، مۇقىل، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، ئەنزىرۇت، رەۋەن، تۇربۇت 15 گرامدىن، غارىقۇن، نىشاستە، زەپەر، مەستىكى ئالتە گرامدىن، كاپۇر، جەدۋار، سوقمۇنىيا ئۈچ گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 8 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
قىزىل تۇمشۇق كېسەللىكى | UyghurWiki | UyghurWiki