سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە ياشلاردا، جۈملىدىن ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا سەۋدا ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
دىققەت - ئېتىبارىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، گۇمانخورلۇق، قالايمىقان خىياللارنى كۆپ قىلىش، ئورۇنسىز ۋەھىمە قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئۈزۈم شىرىسى بەش لىتىر، دارچىن، قەلەمپۇر، بەسباسە، جويۇز، ئۇد ھىندى، گاۋزىبان ھىندى، بادرەنجى بۇيىنى ھەر بىرى 30 گرامدىن، ئىپار، ئەنبەر ئۈچ گرامدىن، قەنت ئۈچ كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ئۈزۈمنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيىنى كوزىغا قۇيۇپ، ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ، ئاپتاپتا بىر نەچچە كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 80 گرامدىن ئىچىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇس ھەر بىرى 30رامدىن، ھېلىلە پوستى 60 گرام، شاھتەررە، بىستىپايەج، سانا، بادرەنجى بۇيىنى 15 گرامدىن، غارىقۇن، تۇربۇت ئالتە گرامدىن، سىركە 250 مىللىلىتىر، ئۆچكە سۈتى 360 مىللىلىتىر، سۇ مۇۋاپىق كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇستىن باشقا دورىلارنى سۇغا چىلاپ، ئۈستىگە سىركىنى قۇيۇپ بىر كېچە تۇرغۇزۇپ، ئەتىسى قاينىتىدىغان ۋاقتىدا ئۈستقۇددۇسنى سېلىپ، سېرىق ئوتنى بىر كىچىك خالتىغا ئوراپ دورىغا قوشۇپ بىللە قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ، سۈيىگە ئېرىتىلگەن تەرەنجىبىن، شېكەر ۋە سۈتنى قوشۇپ بىر قاينىتىپلا ئېلىپ، بادام مېغىزىنى ئاقلاپ، يۇمشاق سوقۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىچىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
پىلە غوزىسى 500 گرام، خولىنجان، مەستىكى، ئېگىر 30 گرامدىن، زەپەر 10 گرام، شېكەر ئۈچ كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى تازىلاپ، ئۈچ كۈن سۇغا چىلاپ قويۇپ، قاينىتىپ، دورىلارنىڭ تەمى چىقىپ بولغاندىن كېيىن پىلە غوزىسىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، شېكەر سېلىپ سۇس ئوتتا قىيام قىلىپ، دورا سەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەر سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.